ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كىتاب ئۆيۈمدىكى ئۆزگىرىش

گۈلپىيە ئابلىز

2018.06.24 10:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى بەختىيار زاماندا تۇغۇلدۇم، ئاتا- ئانام كادىر ئىدى، ئېسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە كىتاب، گېزىت- ژۇرنال دېگەنلەر بەكلا كۆپ ئىكەن. ئۇ چاغلاردىكى ئۆيىمىز كەڭرى كەتكەن باغباراڭلىق، ھويلا- ئارانلىق ئۆي بولسىمۇ، ئىككى ياتاق، بىر ئاشخانا ۋە بىر مېھمانخانا بولۇپ تۆت ئېغىزلىقلا ئىدى، شۇڭا كىتاب- ژۇرناللارنى ياتاق ئۆيىمىزدىكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا، تورۇسى يوق يازلىق ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىشكاپنىڭ ئىچىگە قوياتتۇق. تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىم بولغاچقا، كارىۋات ئاستىغا قويۇپ قويۇلغان كىتاب- ژۇرناللارغا قىزىقىپ، ئۆمىلەپ كىرىپ قولۇمغا چىققانلا كىتابنى ئېلىپ ۋاراقلايتتىم، كىتاب، گېزىت- ژۇرناللارنىڭ بەزى بەتلىرى رەڭلىك، بەزى بەتلىرى رەڭسىز ئىدى، مەن ھەممىدىن رەڭلىك بەتلىك، چىرايلىق رەسىملەر بار گېزىت- ژۇرناللارنى كۆرۈشكە ئامراق ئىدىم. ئاپام- دادام كىتابلارنى شۇنچە ياخشى ئوراپ قويسىمۇ بەزىلىرىنى چاشقان غاجىۋېتەتتى، بەزىلىرىنى يامغۇر سۈيى ھۆل قىلىۋېتەتتى. شۇنداق چاغلاردا دادام ئۇھسىنىپ «چوڭراق ئۆيىمىز بولغان بولسا ئۆينىڭ بىر تېمىغا كىتاب ئىشكاپى ياسىتىپ، كىتاب- ژۇرناللارنى تىزىپ قويغان بولساق، كىتابلار بۇنچە ۋەيران بولۇپ كەتمەستى» دەيتتى.

  كېيىن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدۇم، ساۋاتىم چىقتى، كىتابلارنى يامىداپ ئوقۇيالايدىغان بولغان كۈندىن باشلاپ كارىۋات ئاستىدىكى كىتابلارنى رەڭلىك، رەڭسىز دېمەي قېتىرقىنىپ ئوقۇپ، ئۆزۈمگە ياققان سۆز- جۈملىلەرنى، ماقال- تەمسىل، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالىدىغان بولدۇم.

  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىغا چىققان يىلى شەھەر مەركىزىدىكى 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئىككى ياتاق، بىر مېھمانخانىلىق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق. بۇ يېڭى ئۆيىمىز بۇرۇنقى ئۆيىمىزدىن كۆپ قولايلىق ۋە چىرايلىق بولغىنى بىلەن بىز بىر ئائىلىدىكى ئالتە جان كىشىگە سەل تارلىق قىلاتتى، شۇڭا كىتابلارنى قەغەز يەشىكلەرگە قاچىلاپ يەر ئاستى ئۆيىمىزنىڭ بۇلۇڭىغا بېسىپ قويدۇق. ئەمدى كىتابلار چاشقانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمايتتى، يامغۇردىمۇ قالمايتتى. ئەمما 6- قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىمىزدىن يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ كىتاب ئېلىپ چىقىش تازا قولايلىق ئەمەس ئىدى، شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ ھۇجرامدا بىر كىتاب ئىشكاپىم بولغان بولسا دېگەنلەرنى ئارزۇلىغانىدىم.

  تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى 90 كىۋادرات مېتىرلىق ئۈچ ياتاقلىق ئازادە، چىرايلىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، بۇ ئۆينىڭ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېرى ئاكامنىڭ ھۇجرىسىدىكى ئۇدۇل تامغا قويۇلغان ئېگىز ھەم كەڭرى كىتاب ئىشكاپى ئىدى، ئىشكاپقا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئوقۇش قورالى ئاتالغان كىتابلىرىنى رەت- رېتى بىلەن تىزىپ چىقتۇق، شۇنىڭ بىلەن تۆت قەۋەتلىك ئەينەكلىك بۇ كىتاب ئىشكاپىمىز كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئېسىل ئۆي جاھازىسىغا ئايلاندى.

  ئاكام ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇلاپلا ئاسپىرانتلىقتا ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇدى، كېيىن مەركىزىي شەھەردىكى چوڭ دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشتى، توي قىلىپ بالا- چاقىلىق بولدى، مەنمۇ ئاكام بار شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلدىم. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاكامنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ئاكامنىڭ كىتاب بىلەن لىق تولغان ھۇجرىسىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم، كىتابلار ئاكامنىڭ روھىي ئوزۇقى، ئىلىم- پەن كۆكىدە ئۇچۇشتىكى قانىتى ئىدى.

  بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا، ئاكام بىلەن بازارغا چىقتۇق، خۇالىڭ بازىرىغا بېرىپ ئاكامنىڭ بەش ياشلىق ئوغلىغا كىچىك كىتاب ئىشكاپى سېتىۋالدۇق، كىتاب ئىشكاپىنى جىيەنىمنىڭ ھۇجرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىتابلىرىنى رەتلىك تىزىپ بەردۇق، جىيەنىم خۇشاللىقىدا دادىسىنىڭ مەڭزىگە سۆيگىنىچە «مېنىڭمۇ دادامنىڭكىدەك كىتاب ئىشكاپىم بار بولدى» دېدى.

  ئۈچ قېتىم ئۆي كۆچتۇق، كۆچكەن ئۆيىمىزنىڭ شارائىتى بارغانسېرى ياخشى بولدى، كىتاب ئىشكاپىمىزدىكى ئۆزگىرىش تۇرمۇشىمىزنىڭ بارا- بارا ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. ئىلگىرى كارىۋات ئاستىغا، يەر ئاستى ئۆيگە قويۇلغان، چاشقانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بويۇن قىسىپ قالغان كىتابلىرىمىز مانا ئەمدى جىگەر رەڭلىك، ئەينەكلىك ئېسىل ئىشكاپلاردىن ئورۇن ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر