ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈتۈنۈش ئەۋج ئالماقتا

خەي فېڭ

2018.06.24 10:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ياشانغاندا كۈتۈنۈش نۆۋەتتە كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما بولۇپ قالدى، چۈنكى، دۆلىتىمىز ئاللىقاچان ياشانغانلار كۆپىيىش جەمئىيىتىگە كىرىپ بولدى. ب د ت نىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، 60 ياشقا كىرگەن ۋە 60 ياشتىن ئاشقانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10ىنى ئىگىلىسە، ياشانغانلار كۆپىيىش جەمئىيىتىگە كىرگەنلىكتىن دېرەك بېرىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە 60 ياشقا كىرگەن ۋە 60 ياشتىن ئاشقانلار 241 مىليون كىشىگە يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %17.3ىنى ئىگىلىگەن.

  ھازىر مەيلى مەھەللىلەردە ۋە چوڭ كوچىلاردا بولسۇن، ۋە ياكى ئاممىۋى مەدەنىيەت سورۇنلىرىدا بولسۇن، تېتىك ۋە روھلۇق يۈرگەن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشانغانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەمەلىي يېشىدىن ياش كۆرۈنىدۇ. ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە داۋالاش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن سىرت، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. بۇ، بارغانسېرى كۆپلىگەن ياشانغانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇلار مول مەزمۇنلۇق رەڭگارەڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بىلەن ياشىرىپ كېتىپ بارىدۇ.

  پېنسىيەگە چىقىش كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئالدىنقى يېرىمىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن، شۇنداقلا كېيىنكى يېرىمىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، يېڭىچە، مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇشىنى باشلىدى. بەزىلەر ساياھەت ئۆمىكىگە قوشۇلۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى ساياھەت قىلدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى ئاشۇردى؛ يەنە بەزىلەر ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىپ، بەدىنىنى چېنىقتۇرۇپ، روھىي قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى؛ يەنە بەزىلەر يېڭى ماھارەتنى ئۆگىنىشنى باشلىدى. مەسىلەن، رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىپ بەدىئىي دۇنيادا كۆڭلىنى خۇش قىلدى. يەنە بەزىلەر قولىغا قايتىدىن قەلەم ئېلىپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى... بۇلارنىڭ ھەممىسى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى تېخىمۇ روھلاندۇردى. كىشىلەر بۇنى «مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈتۈنۈش» دەپ ئاتىدى. ئەنئەنىۋى كۈتۈنۈشكە سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىر خىل يېڭىلانغان كۈتۈنۈش ئىدىيەسى، ئۇنىڭدا مەنىۋى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئاساس قىلىنىپ، خاسلىقنى جارى قىلدۇرۇش، شادلىقتىن بەھرىلىنىش، كۆڭۈل ئېچىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بىر خىل تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى كۈتۈنۈش ئۇسۇلىدۇر.

  مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈتۈنۈشنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئەۋج ئېلىشى ئالدى بىلەن ماددىي ئېھتىياجنىڭ تولۇق قاندۇرۇلغانلىقىدىندۇر. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى كىشىلەر كىيىم- كېچىكى پۈتۈن، يېمەك- ئىچمىكى تەل بولۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى، ھازىر گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان بولدى، كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ياشانغانلار ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا باش قاتۇرماستىن، مەدەنىيەت- سەنئەت دۇنياسىدا خاتىرجەم ھالدا قانغۇچە ھۇزۇرلىنىدىغان بولدى.

  بارغانسېرى كۆپلىگەن ياشانغانلار مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈتۈنۈشكە بېرىلىپ كەتكەچكە، خاڭجۇ، نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلەر يېڭى سىياسەتلەرنى كەينى- كەينىدىن يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈتۈنۈشنى قۇۋۋەتلىدى ھەم سورۇنلارنى ھازىرلاپ بەردى. مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈتۈنۈشنىڭ ئەۋج ئېلىشى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، ساغلام، مەدەنىي ۋە پائال ئالغا ئىنتىلىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ ئىجابىي رول ئوينىدى. جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىدىيەسىمۇ تەدرىجىي شەكىللەندى، ياشانغانلارنىڭ پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسى، ئەدەبىيات- سەنئەتنى قىزغىن سۆيۈش قىزغىنلىقى ئەمەلىيەتتە ياشلار ئۈچۈنمۇ بىر خىل رىغبەتلەندۈرۈشتۇر.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر