ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ۋەتەننى سۆيۈش ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتتۇر

دولقۇن تۇرسۇن

2018.06.24 10:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ۋەتەننى سۆيۈش ھەر بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر، شۇنداقلا ئەڭ يۈكسەك ئىنسانىي خىسلەتنىڭ نامايەندىسىدۇر، قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان ھەقىقىي مۇھەببەت، سەمىمىيلىك، ۋاپادارلىقنىڭ تەبىئىيلىك ئىچىدىكى ئەكس ئېتىشىدۇر. شۇڭا ۋەتەننى سۆيۈشنى ئۆزىمىزدىن، ھەر بىر ئىش ۋە سۆز- ھەرىكىتىمىزدىن، ھەر بىر ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك. قەلبىمىزدىكى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن بولغان ھۆرمەت، ئىپتىخارلىنىش ۋە چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرىمىزنى ھەقىقىي چىن مەنىگە ئىگە قىلىشىمىز، شۇنداقلا ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئانىمىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيدىغان، قىممىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىدىغان ئۇلۇغۋار روھقا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.

  ۋەتەن بىزگە ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت ۋە تەڭداشسىز ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ. ۋەتەننىڭ ھەر بىر چىمدىم توپىسى ۋە تامچە كەبى سۈيى، ھەر بىر تال ئوت- چۆپى، گۈل- گىياھى، تاغۇ دەريالىرىنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك قەدىرلىككى، ھېچقانداق مۇھەببەت بىزنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىغا بولغان مۇھەببىتىمىزنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئۇنى پەقەت ساپ ساداقەتلىك، سەمىمىي، مۇھەببەتلىك قەلبلەرلا ھېس قىلالايدۇ.

  ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقى، سۆيۈملۈكلۈكى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىش- قىلالماسلىق ھەربىر كىشىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش تۇيغۇسىنىڭ بار- يوقلۇقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى يېتىلدۈرگەن- يېتىلدۈرمىگەنلىكى، ۋەتەننى قەدىرلەش ئېڭىغا ئىگە بولغان- بولمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە. ۋەتەننىڭ قەدرىگە يەتمەسلىك ۋە ۋەتەننىڭ قوينىدا بەختىيار ياشاپ تۇرۇپ ئۇنى ھېس قىلىشنى بىلمەسلىك ئەڭ چوڭ نادانلىق ۋە روھىي ساۋاتسىزلىقتۇر. ئۆزىنىڭ شۇ قەدەر گۈزەل، شۇ قەدەر ئۇلۇغ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلەنمەسلىك ۋە ئۆز ۋەتىنىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلمەسلىك ئەڭ چوڭ بىلىمسىزلىكتۇر. شۇڭا بىز پۈتكۈل جەمئىيەتتە ۋە مەكتەپ، ئائىلىلەردە ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھنى چوڭقۇر ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىق- تەربىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ شۇنداقلا ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىدىن ئىبارەت ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننىڭ ھەر بىر چىمدىم توپىسى، بىر تامچە سۈيى، گۈل- گىياھلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئاسراشتەك ئېسىل ئەخلاقىي ئاڭ، پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.

  ۋەتەننى سۆيۈشكە قەلب كېرەك. ساپ، سەمىمىي، مۇھەببەتلىك قەلبكە ئىگە بولساقلا ۋەتەننى سۆيۈشتىن سۆز ئاچالايمىز. ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا بەختىيار ياشاۋاتقان بۈگۈنىمىزنى قەدىرلىسەك، شۇنداقلا بىزنى ئۇشبۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدار بولساق كۇپايە. چىن قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان كۈچلۈك سادايىمىز بىلەن «ۋەتىنىم − مەن سېنى سۆيىمەن» دېيەلىسەكلا كۇپايە... مەڭگۈ ۋەتەنگە سادىق بولۇپ ساداقەت گۈللىرىنى پورەكلىتەلىسەكلا، بارچە مىللەت ئىناقلىق كۈيىنى تەڭ ياڭرىتالىساقلا، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشالىساقلا... ۋەتەننى سۆيگەن، ۋەتەننى ئۇلۇغلىغان بولىمىز. شۇنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايلىكى، ۋەتەننى سۆيۈش ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتتۇر.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر