ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش. مەن ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» تېمىسىدىكى ماقالە قوبۇل قىلىش ئېلانى

2018.06.24 10:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ يىل جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 40 يىلدا ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، 40 يىللىق بوران- چاپقۇننى باشتىن كەچۈردى. جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا شانلىق داستانلارنى ياراتتى. قاينام تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات ئەمەلىيىتى دۆلەت ۋە ھەر بىر كىشىگە ئالەمشۇمۇل تارىخىي چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىغىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر تونۇش، چۈشىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گېزىتىمىز بۈگۈندىن باشلاپ «مەن ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» ئاساسىي تېمىسىدىكى (ماۋزۇنى ئاپتور ئۆزى قويسا بولىدۇ) ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

  قوبۇل قىلىنىدىغان ماقالىنىڭ مەزمۇنى: ماقالە يازغۇچى كىشى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشى، كۆرگەن، ئاڭلىغان ئىشلىرى ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قاينام تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي كارتىنىسىنى جانلىق ھەم ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بېرىشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى 1- شەخس تىلىدا سۆزلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگۈچى، شاھىد بولغۇچى ۋە ئۇنىڭدىن نەپ ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى ئوبرازلىق سۈرەتلىشى كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا يۈز بەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى مەدھىيەلەپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش تەسىراتىنى بايان قىلىشى كېرەك.

  ماقالىگە قويۇلىدىغان تەلەپ: ماقالە مەزمۇنى كونكرېت، جانلىق ۋە تەسىرلىك بولۇشى كېرەك. راست ئىشنى يېزىش، ھەقىقىي ھېسسىياتنى ئىپادىلەش، راست گەپنى قىلىش، ئۆتمۈشنى ئەسلەش، ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش ۋە تەسىرلىك بايان قىلىش كېرەك. كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلەپ، دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئورتاق تەسىرات پەيدا قىلىش كېرەك.

  ئېلخەت ئادرېسىمىز: xjgmb@xjdaily.com

  ئەۋەتىلگەن ماقالىگە « ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش. مەن ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» ناملىق ماقالە دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر