ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سەمىمىيلىك ئوبرازىڭىزنى نۇرلاندۇرىدۇ

ئادىل غوجالىم

2017.12.22 15:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بىر كىشىنىڭ كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىغا قاراپ مېڭىشىدا بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
  بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم دېگۈدەك سەمىمىي، دۇرۇس ئادەم بولۇش كېرەكمۇ ياكى ئۇستاتلىق قىلىپ، ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئادەم بولۇش كېرەكمۇ؟ دېگەننى مۇنازىرە قىلىشىپ قالىمىز. ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئۇستاتلىق قىلىشمۇ زۆرۈر دېسە، كۆپىنچە ئادەملەر سەمىمىي بولۇش كېرەك دېيىشىدۇ.
  كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەم سەمىمىي بولسا دۇرۇس ئادەم بولالايدۇ. ئادەم تۇرمۇشتا ھەر دائىم سەمىمىي، دۇرۇس، پىرىنسىپچان بولسا، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە سازاۋەر بولىدۇ ھەم ئۆزى ئويلىمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. سەمىمىيەت كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى بىر خىل پەزىلەت. سەمىمىي نىيەت ئۆزىمىز ئۈچۈن قالدۇرۇلغان ئەڭ توغرا يول بەلگىسى. سەمىمىيلىك ئادەمنى ئاسايىشلىققا، ئوچۇق- يورۇقلۇققا، ئۈمىدۋارلىققا، كەڭ قورساقلىققا يېتەكلەيدۇ. سەمىمىي ئادەم مەيلى قانداق قىيىن مۇھىتتا بولسۇن ئۆز سالاپىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
  سەمىمىي كىشىلەر ئىشەنچكە ئېرىشەلەيدۇ. سەمىمىيلىك خاتالىقنى باتۇرلۇق بىلەن ئېتىراپ قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئېلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بىر قىز سېسترالار ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ بىر داڭلىق دوختۇرخانىدا پىراكتىكا قىپتۇ. ئۇ قىزنىڭ پىراكتىكا ۋاقتى ئاخىرلىشاي دېگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاتناش ھادىسىسىگە يولۇقۇپ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان بىر كىشىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەپتۇ. پىراكتىكانت قىز تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى − دوختۇرخانا باشلىقىغا ياردەملىشىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئوپېراتسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاغرىقنىڭ يارا ئېغىزىنى تىكىدىغان چاغدا، سېسترا دوختۇرخانا باشلىقىغا: «پىروفېسسور، بىز 12 پارچە داكا ئىشلەتكەن ئىدۇق، لېكىن، سىز 11 پارچىنى ئالدىڭىز» دەپتۇ. دوختۇرخانا باشلىقى ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماي: «ھەممە داكىنى ئېلىۋەتتىم، تولا گەپ قىلماي، يارا ئېغىزىنى تىكىۋېتىڭ!» دەپتۇ. «ياق!» دەپتۇ سېسترا جىددىي ھالدا: «بىز 12 پارچە داكا ئىشلەتكەن». دوختۇرخانا باشلىقى پەرۋا قىلماي: «سىز دېگەن سېسترا، گېپىمنى ئاڭلاپ، دەرھال يارا ئېغىزىنى تىكىۋېتىڭ!»دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. بۇ چاغدا سېسترا كەسكىن ھالدا: «سىز دېگەن دوختۇر، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ!» دەپتۇ. دەل شۇ چاغدا دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ سۈرلۈك چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپتۇ. ئۇ، ئالقىنىدىكى 12- پارچە داكىنى ئەتراپىدىكى ياردەمچى دوختۇر- سېسترالارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ قىز مېنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىم بولالايدىكەن!» دەپتۇ. دېمەك، بۇ سېسترا قىز ئۆزىنىڭ سەمىمىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن بۇ دوختۇرخانىدا بىر كىشىلىك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىپتۇ.
  تۇرمۇشتا سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئۆگەنگەنلەر بىر مەھەل جاھاندارچىلىق قىلىدۇ، ئەمما ئۇزاققا بارمايلا ئۇنداقلارنىڭ ئەپت- بەشىرىسى ئېچىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ھەممىمىز سەمىمىيەت ئارقىلىق ھاياتلىقنى ھۆرمەتلەش، تۇرمۇشنى سۆيۈش ئىستىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
  تۇرمۇشتا مۇۋاپىق پەيتنى تۇتۇپ «زېرەكلىك قىلالايدىغان»، يەنى ئېپىنى تېپىپ جانلىق پىكىر قىلالايدىغان ئادەملەر كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىدە سەمىمىيلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنداقلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۇتۇق قازىنىش ئىمكانىيىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. پويىزدا بىر يىگىت ئۈچ كىشىلىك ئورۇندۇقتا يالغان ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋاپتۇ. بىر ئانا ئوغلىنى كۆتۈرگەن ھالدا پويىزغا چىقىپتۇ. بالا ئورۇندۇقتا ياتقان يىگىتكە: «تاغا مەن ئولتۇرۇۋالايمۇ؟» دەپتۇ. لېكىن يىگىت ئېرەن قىلماپتۇ. بۇ چاغدا ئانا: «تاغاڭنى ئويغىتىۋەتمە، ئۇ چارچاپ قالغان ئوخشايدۇ، بىردەم يېتىۋالغاندىن كېيىن، ساڭا ئورۇن بوشىتىپ بېرىدۇ» دەپتۇ. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ خىجىل بوپتۇ ۋە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ: «كېلىڭلار، ئولتۇرۇڭلار »دەپ ئورۇن بوشىتىپتۇ. ئەگەر، ئانا يىگىتنى سەتلەپ ئەيىبلىگەن بولسا، ئۇ چاغدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا چوقۇم كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرەتتى.
  مەسئۇلىيەتنى ۋىجدانەن ئۈستىگە ئالىدىغان سەمىمىي ئادەم ھەرقانداق كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى تەبىئىي ھالدا قوزغايدۇ. شۇڭا سەمىمىيلىكى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغىلى بولىدۇ. سەمىمىيلىك ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇش، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىش − تۇرمۇشتا ئېجىل- ئىناق ئۆتۈشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. لېكىن، سەمىمىيلىك چىن بولۇشى كېرەك. ساختىلىق ئارىلاشقان «سەمىمىيلىك» كىشىلەر كۆڭلىنى ۋاقتىنچە مايىل قىلالىسىمۇ، لېكىن ھامان بىر كۈنى ئاشكارا بولىدۇ. سەمىمىيلىك ناھايىتى ياخشى بىر خىل ئالاقە تاكتىكىسى، كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ ياخشى تەرەپكە يېتەكلەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل