ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تاتارلار ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم مىللىي ئەنئەنىلىرى

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

2017.12.22 15:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   تاتارلار ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ قىسمى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۈرۈمچى، سانجى، ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا، ئاز بىر قىسمى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر- بازارلارغا تارقالغان. تاتارلار قەدىمدىن بۇيان ئاساسلىقى سودا- سېتىق، قوشۇمچە دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. تاتار ئاھالىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى توپا قۇرۇلمىلىق تۈز ئۆگزىلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. تاتار ئەرلىرى بېشىغا ئومۇمەن قارا تەقىيە ياكى يېشىل، قىزغۇچ، بېغىررەڭ گۈل چېكىلگەن، شېرىپ تىكىلگەن تەقىيەلەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چوڭلار ئۇچىسىغا ياقىلىق، سول ياندىن تۈگمىلىنىدىغان تېگى ئاق كانۋا كۆڭلەك، قارا رەڭلىك قىسقا جىلىتكە كىيىدۇ، ياشلار ئاق قايرىما ياقىلىق، ياقىسىغا، يەڭلىرىگە كەشتە ئىشلەنگەن كۆڭلەكلەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللار بېشىغا مەرۋايىتتىن گۈل ئىشلەنگەن تۆبەتەي، قالغاق كىيىدۇ. قىزلار مەرۋايىتتىن گۈل ئىشلەنگەن تەقىيە كىيىدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار تۆبەتەي ۋە قالغاقلىرىنىڭ ئۈستىگە بۆرتمە شال ئارتىۋالىدۇ. گۈللۈك، سىدام، ئاق، سېرىق ياكى بىنەپشە رەختلەردىن ئۇزۇن پۈرمىلىك قىلىپ تىكىلگەن كۆڭلەكلەرنى، توپلەي، چېتىك ۋە ئۆتۈك قاتارلىق ئاياغ كىيىملىرىنى كىيىدۇ.

  تاتارلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەنئەنىۋى يېمەك- ئىچمەكلىرىدىن كاتلېت، سالما، كۇبەدىيە، پەرەمەچ، كەشمىر، قىزدۇرما، بەلىش، بوككەن، كەمپۈت، كۇۋاس، پىۋا قاتارلىقلار بار. تاتارلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئەنئەنىۋى يېمەك- ئىچمەكلىرى ئۆزىنىڭ لەززەتلىكلىكى، مەززىلىكلىكى ۋە شېرىنلىكى بىلەن كىشىگە ئۆزگىچە تەم ۋە ھۇزۇر ئاتا قىلغاچقا، نۇرغۇنلىغان قېرىنداش مىللەتلەر خەلقلىرىنىڭمۇ ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى.

  ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزگىچە مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بولىدۇ. «سابان تويى» تاتارلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، «سابان بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «سابان» يەنى «ساپان» تاتارلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا يەر ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن قورالى بولۇپ، تاتارلارنىڭ يەرنى كەتمەن بىلەن ئاغدۇرۇشتەك ئۇزاق مۇددەتلىك قالاق ئەمگەك تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىدە زور تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاتار خەلقى ھەر يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، «سابان»دىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش قورالىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەيدۇ. بايرام مەزگىلىدە ناخشا- ئۇسسۇل، يۈگۈرۈش، چېلىشىش، ئارغامچا تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى ئوينىلىدۇ.

  تاتارلار ئېلىمىزدىكى بارلىق قېرىنداش مىللەتلەر قاتارىدا ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلەرنى ياراتقان قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكچانلىقى، ئىجادچانلىقى، ئەقىل- پاراسەتلىكلىكى ۋە ۋەتەن سۆيەرلىكى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر ئارا ئىناق- ئىتتىپاق ياشاپ، بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل