ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سالام- سەھەت ۋە ئاياللىق پەزىلەت

مۇنەۋۋەر ئوسمان

2017.12.22 15:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  سالاملىشىش − قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامان- ئېسەنلىك سوراش، كىشىلەر ئارا خاتىرجەملىك تىلەشنىڭ بىر خىل ئالاھىدە ئىجتىمائىي شەكلى. سالاملىشىش، ئەخلاق- پەزىلەت، ئادىمىيلىك ۋە سەمىمىيلىكنى مەنبە قىلىدۇ. سالاملىشىش ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، كىشىلەر ئارىسىدا دىدارلىشىش، تىنچ- ئامانلىق سورىشىش، ئۆزئارا تىلەك تىلىشىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن. جەمئىيەتتىكى چوڭلاردىن تارتىپ بالىلارغىچە، ئەرلەردىن تارتىپ ئاياللارغىچە دىدارلاشقاندا، كۆرۈشكەندە ئۆزئارا سالاملىشىپ بىر- بىرىدىن تىنچ- ئامانلىق سورىشىدۇ، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىنى، سەمىمىيىتىنى، ئادىمىيلىكىنى نامايان قىلىدۇ.
  سالاملىشىش − بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان ئەنئەنىۋى ئادەت ۋە مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى ھەر خىل. ئۇ، ھەربىر مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان شەكىللەنگەن سالاملىشىش ئادىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. مەسىلەن: زاڭزۇلار بىر- بىرىگە قاراپ تىللىرىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرەپ سالاملىشىدۇ. بۇنى ئۇلار ئۆزىگە خاس نازاكەت، گۈزەللىك دەپ بىلىدۇ، موڭغۇللار ئادەتتە قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، چوڭلار كىچىكلەرگە «سەنيۇ» (ياخشىمۇ سىز) دەپ سالام قىلسا، كىچىكلەر چوڭلارغا «سەنبەنتا» (ياخشىمۇسىز) دەپ سالام قايتۇرىدۇ. لېكىن ياشلار ياشانغانلارنى كۆرگەندە، قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەستىن، ياشانغانلارغا بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلىدۇ ھەم «ئاموربەنتا» (ئامانلىق سوراش دېگەن مەنىدە) دەپ ئامانلىق سورايدۇ؛ شىبەلەر سالام- سەھەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇلار ئاساسەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ ھەم «خوجونا» (ياخشىمۇسىز) دەيدۇ. بىراق كىچىكلەر ياشانغانلار ۋە چوڭلار بىلەن كۆرۈشكەندە سول پۇتىنى ئالدىغا يېرىم قەدەم چىقىرىپ، ئىككى پۇتىنى ئېگىپ، ئىككى قولىنى سول تىزىغا قويۇپ ئامانلىق سورايدۇ.
  ئۇيغۇرلارمۇ ئۇزاق زامانلىق مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا ناھايىتى ياخشى بولغان سالاملىشىش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. تونۇش- ناتونۇش كىشىلەرنى ئۇچراتقاندا ھال- ئەھۋال سوراش، چوڭلارنى، ئۇستازلارنى ئۇچراتقاندا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سالام بېرىش، ئاتا- ئانىلارغا، ئاياللارغا ئىززەت- ئىكرام بىلەن باش ئېگىپ سالام بېرىشتەك بىر قاتار سالام بېرىش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
  ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرىنىڭ سالاملىشىش ئادەتلىرىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. چۈنكى، دۇنيانى ئاياللارسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئاياللار ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ گۈلى، تۇرمۇشنىڭ شادلىق بۇلىقى، ھاياتلىقنىڭ ئىللىق، مېھىرلىك قۇياشى، مىللەتنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ ئانىسى. قىز- ئاياللارنىڭ سالام- سەھەتتە ئاياللىق خىسلىتىنى، قەلب گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشى، سەمىمىيلىك بىلەن كۆلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالام بېرىشى ۋە باشقىلارنىڭ سالىمىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىلىك ئېلىشى ئۆزىگە ياراشقان نازاكىتىدۇر.
  جايلاردا ئاياللارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ئۇسۇللىرى كۆپ خىل. مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشۈش، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ كۆرۈشۈش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، بىر قولىنى كۆكسىگە قويۇپ ياكى ئىككى قولىنى قوۋۇشتۇرۇپ كۆرۈشۈش، باش لىڭشىتىپ كۆرۈشۈش قاتارلىق سالاملىشىش ھەرىكەتلىرى ۋە تىنچ- ئامانلىق سورايدىغان سالاملىشىش سۆزلىرى بار. ئاياللار مەيلى قانداق ئۇسۇلدا سالاملاشسۇن، ئۇ ئاددىي كۆرۈشۈشلا بولماستىن، بەلكى مېھىر- مۇھەببەتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاياللارنىڭ قەلب گۈزەللىكى، پەزىلىتى، سەمىمىيىتى نامايان بولىدۇ. سالاملىشىش ئارقىلىق قارشى تەرەپتە ياخشى تەسىرات قالدۇرغىلى، ھۆرمەتلەشكە ئېرىشكىلى، دوستانە مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغىلى، خۇشاللىق تاپقىلى، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
  خەلقىمىزنىڭ ئەخلاق- پەزىلەت، سەمىمىيەت، ئادىمىيلىك ۋە ياخشى بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئاساسىدىكى ئېسىل سالام- سەھەت ئەنئەنىسى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ياش قىز- ئاياللاردا باشقىلارغا سالام بېرىشنى بىلمەيدىغان، مەن باشقىلارغا سالامغا قەرزدار ئەمەس دەپ قارايدىغان، ھەتتا باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالمايدىغان ناچار ئىللەتلەر ۋە ساغلام بولمىغان ئادەتلەرمۇ يوق ئەمەس. سالام- سەھەت − باراۋەرلىك، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى كۆرۈشۈش پائالىيىتى بولسىمۇ، بىر قىسىم ئادىمىيلىك ئەخلاقى ۋە ئاياللىق لاتاپىتى كەم ئاياللار ئېرىنىڭ، ئاتا- ئانىسىنىڭ، ئۆزىنىڭ مەنسەپ- مەرتىۋىسىنى، پۇل- بايلىقىنى ئادىمىيلىك، ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ ئورنىغا قويۇپ، سالام- سەھەتنى نام- ئاتاق، پۇل- بايلىق، مەرتىۋە- مەنسەپ، يۇقىرى- تۆۋەنلىكنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىۋالماقتا. بۇنداق قىلىش مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە مۇخالىپتۇر.
  ئىنسان ئۈچۈن سالامەتلىك قانداق مۇھىم بولسا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ساغلام ئەخلاقمۇ شۇنداق مۇھىم. جەمئىيەت ۋە ھاياتلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئايرىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئادەم يەككە- يېگانە ياشىيالمايدۇ. ياشاش جەريانىدا باشقىلارغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ، مۇناسىۋەتلىشىدۇ، ئۇچرىشىدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائىي مۇھىت كىشىلەرنى بىر- بىرىگە موھتاج قىلىدۇ، بىر- بىرىگە بېقىندۇرىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سالام- سەھەتكە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى ئاياللىق ئەخلاق- پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا يەنە جەمئىيەت ۋە ئائىلە ئەخلاقىغا، ئىناقلىققا، مېھىر- مۇھەببەتنى تاۋلاشقا، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ مەدەنىيەتلىك، قائىدە- يوسۇنلۇق، ئەخلاق- پەزىلەتلىك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋە گۈزەل ئىنسانىي خىسلەتلەرگە ئىگە بولۇشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل