ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئەستايىدىللىق ھاياتلىق مىزانىمىز بولسۇن

ئوسمان زاھىر

2017.12.22 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كىشىلىك تۇرمۇشتا كىچىككىنە بىر سەۋەنلىك بىلەن ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان، بىر دەملىك زېھىن قويۇش بىلەن قىيىن مەسىلىلەرمۇ ھەل بولۇپ قالىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭىمۇ «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ھېكمەت ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان. ھايات ھەربىر ئىنساننىڭ تۇرمۇشتىكى ھەربىر مەسىلىگە ئەستايىدىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەستايىدىللىقنى كىشىلىك ھايات دەستۇرى قىلغان ئادەم، ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەيدۇ، ۋەدىسىدە تۇرىدۇ، ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە مەسئۇل بولىدۇ. ئەستايىدىل ئادەمدە بىر قەدەر يۇقىرى پىسىخىك ساپا يېتىلگەن بولىدۇ. بۇنداق كىشىدە نىشان ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، نىشان ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان پىداكارلىق بولىدۇ. دۇنيادىكى ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر ئورۇنداپ كەلگەن.
  بىز مەيلى تۇرمۇش ياكى خىزمەتتە بولسۇن ھەرخىل مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. بولۇپمۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان تۇرمۇش بېسىمى ھەقىقەتەن ئېغىر. پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىش، ئۆزىنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، رىقابەت كۈچەيگەن جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇش دېگەندەك مەسىلىلەر بىزدىن ناھايىتى يۇقىرى پىسخىك ساپا بىلەن بىرگە ھەممىلا ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.
  مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەسئۇلىيەتچانلىق ئەستايىدىللىقنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. ئارىمىزدا ئۆزىنىڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيەسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئۆز خىزمىتىدە نەتىجە قازىنىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئۆز بۇرچىنى خۇشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئالغان ھەم شۇ يولدا ئىجتىھات قىلغۇچىلاردۇر. جەمئىيەت مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەر ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ ۋە پارلاق مەنزىلگە يېتەكلىنىدۇ. ھەربىر ئىشىمىز مەسئۇلىيەت بىلەن داۋاملاشسۇن، ئەستايىدىللىق ھاياتلىق مىزانىمىز بولسۇن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل