ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلىگىنىڭىز روھىي ساغلاملىقىڭىز

تۇرسۇن كېرىم

2017.12.07 12:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باشقىلارنىڭ ياردىمىگە، قوللىشىغا، ئېتىراپ قىلىشىغا، يول قويۇشىغا، پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىگە ئېرىشكىنىڭىزدە سەمىمىيلىك بىلەن رەھمەت ئېيتالىغىنىڭىز، مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلىگىنىڭىز سىزنىڭ ئادىمىيلىكىڭىزنى، ساپا ھەم روھىي ساغلاملىقىڭىزنى نامايان قىلغىنىڭىزدۇر. مىننەتدارلىقنى ئىپادىلەشنىڭ شەكىللىرى كۆپ خىل بولۇپ، تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى، ھەرىكىتىڭىز بىلەن كۆرسەتكىلى، ساغلام ئارزۇ، ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن تىرىشىش ئارقىلىقمۇ نامايان قىلغىلى بولىدۇ. سىز باشقىلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمىگە ئېرىشكىنىڭىزدە سەمىمىي رەھمىتىڭىزنى ئېيتسىڭىزمۇ، جىسمانىي كۈچ- قۇۋۋىتىڭىز، شارائىت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىڭىز، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىڭىز، ئۆزىڭىزدە بار بولغان ئىقتىدار ھەم قابىلىيىتىڭىز ئارقىلىقمۇ مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ.

  نۆۋەتتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تەمىنات ۋە ياردەمنىڭ كۆپىيىشى، ئوقۇش- ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى زور يۈكسىلىش، شەھەر قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى يېڭىلىق ھەممىمىزنى خۇشال قىلماي، سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ. مۇشۇ تەرەققىياتلار، بىز ئۈچۈن ھازىرلىنىۋاتقان ئەۋزەللىكلەر، بىز بەھرىلىنىۋاتقان قولاي شارائىتلار، بىز نەپ ئېلىۋاتقان ئاسايىشلىقلار بىزنى مەمنۇن قىلىدۇ، چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى قوزغايدۇ، ئەلۋەتتە. بىز شۇ مىننەتدارلىقىمىزنى ئۆزىمىزگە خاس بولغان ساغلام ئادىتىمىز، توغرا ئۇسۇل، ئۈنۈملۈك چارىلىرىمىز، گۈزەل ھەم سىپايە ھەرىكىتىمىز، ئىلغار ئىدىيە، پاك قەلبىمىز بىلەن ئاسراپ، قوغداپ، ھىمايە قىلىپ، قەدىرلەپ، تەشۋىق قىلىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىش ئارقىلىق ئىپادىلىشىمىز كېرەك.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئۆگىنىش ھەم خىزمەتتە بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان، بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپ بىزگە ئەجىر قىلىۋاتقانلارنى ھىمايە قىلىشىمىز، ئۇلارغا كۆيۈنۈشىمىز، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشىمىز، ئاسان قولغا كەلمىگەن تىنچلىق، بەختىيار تۇرمۇش، ئەۋزەل شارائىتنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن قەدىرلىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلىشىمىزنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكلىدۇر.

  كوچا ئاپتوبۇسىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغانلارغا ئورۇن بېرىشىڭىز، مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىدە قائىدە بويىچە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆچرەت ساقلىشىڭىز، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى بىز ئۈچۈن تەييار قىلىنغان قولاي ئەسۋابلارنى، چېنىقىش ئەسلىھەلىرىنى ئاياپ، ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىشىڭىز، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىكىلگەن گۈل- گىياھ، دەل- دەرەخ، چىملىقلارنى ئاسرىشىڭىز، كەڭ- كۇشادە، پاكىز يوللاردا ئەدەپ بىلەن يول يۈرۈپ، ئەخلەت تاشلىماسلىقىڭىز، باشقىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت جەريانىنىڭ نورمال بولۇشىغا قولاي شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىڭىز، ماسلىشىشىڭىز ۋە ياكى دەخلى قىلماسلىقىڭىز، تەكشۈرۈش بەلگىلىمىلىرىگە، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىڭىز... ھەممىسى سىزنىڭ باشقىلاردىن ئېرىشكەن ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەمگە، تىنچ، بىخەتەر، بەختىيار تۇرمۇشقا بولغان مىننەتدارلىقىڭىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا ئىپادىلىگىنىڭىزدۇر.

  مىننەتدار بولۇشنى بىلىش بىر خىل پەزىلەت، روھىي ساغلاملىق. مىننەتدار بولۇش ئادىمىيلىكنىڭ، ساپانىڭ نامايەندىسى. مىننەتدارلىق ھېسسىياتىڭىز، مىننەتدارلىق تۇيغۇڭىز سۆزلىرىڭىزدىن، پوزىتسىيەيىڭىزدىن، ھەرىكەتلىرىڭىزدىن تۆكۈلۈپ تۇرسۇن. ھەر خىل سورۇنلاردا تۈرلۈك ئۇسۇل ھەم شەكىلدە نامايان بولسۇن. سىز مىننەتدارلىق تۇيغۇڭىز، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىڭىز بىلەن بەختلىكسىز. سىز ئۇنى بايان قىلىش، ئىپادىلەش بىلەن روناق تاپىسىز، يول تاپىسىز، نەتىجە يارىتىسىز، نىشانىڭىزغا يېتىسىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل