ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

سىڭلىم، تۇرمۇش قۇرۇشقا تەييارلىقىڭىز بارمۇ؟

رىزۋانگۈل ئوبۇل

2017.09.23 18:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  نۇرغۇن قىزلار مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلىدە ئوغۇل دوستىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىگە شۇنداق كۆيۈنىدىغاندەك، ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئۇلار بۇ مەزگىلدە قىزغىن ھەم رومانتىك مۇھەببەت تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولغاچقا، بىر- بىرىگە قانماي تېزرەك توي قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

  قەدىرلىك سىڭلىم، تۇرمۇش قۇرۇش سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي ئەمەس، تۇرمۇش سىزدىن زور دەرىجىدىكى چىدامچانلىقنى، سەۋرچانلىقنى، كەڭ قورساقلىقنى ۋە ئۈن- تىنسىز بەدەل تۆلەش روھىنى تەلەپ قىلىدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن سىز نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىسىز، سىز كېلىن بولۇپ كىرگەن ئائىلە سىزنىڭ ئېرىڭىزدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللىرىدىن ۋە ھامما- تاغىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنى خۇددى ئېرىڭىز ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ كېتىشى ناتايىن، سىز ئۇ ئۆيگە كېلىن بولۇپ كىرگەندىن كېيىن شۇ ئۆيدىكى ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى سىزگە تىكىلىدۇ، سىزنىڭ ھەربىر ئىش- ھەرىكىتىڭىز، ھەر بىر ئېغىز سۆزىڭىز ئۇلارنىڭ نەزەرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سىز تۇرمۇشىڭىزغا خۇددى ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىڭىزدىكى ئىش بېجىرىش پىرىنسىپىڭىز بويىچە مۇئامىلە قىلسىڭىز بولمايدۇ، تۇرمۇشىڭىزدا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەرگىزمۇ ماتېماتىكىدىكى تەڭلىمىلەرگە، فىزىكىدىكى فورمۇلالارغا سېلىپ يەشكىلى بولمايدۇ، شۇڭا سىڭلىم، توي تۇرمۇشىڭىز باشلىنىشتىن بۇرۇن كاللىڭىزنى ئوبدان سىلكىۋېتىڭ. تۆۋەندە مەن سىزگە ئۈزۈم يەكۈنلىگەن بىر قانچە نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.

  ئالدى بىلەن توي قىلىشتىن ئىبارەت بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىڭ، 20 نەچچە يىل باشقا ئائىلىدە ياشاپ، تۇرمۇش قارىشىڭىز، دۇنيا قارىشىڭىز تىكلىنىپ بولغاندا باشقا بىر ئائىلىگە بېرىپ بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىغا ماسلىشىش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خۇي- پەيلىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا سىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماڭ، ئۇلار بىلەن قارشىلاشماڭ، ئەكسىچە ئۆزىڭىزنى مۇشۇ ئائىلىگە ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىڭ، بولۇپمۇ ئېرىڭىزنىڭ ھەم قېيىنئانىڭىزنىڭ مىجەزىنى ياخشىراق ئىگىلەپ، ئالدى بىلەن ئۇلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشقا تىرىشىڭ. بۇ ئۆيدىكى قائىدىلەرنى ۋە ئادەملەرنى ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدىكى قائىدىلەرگە ۋە ئادەملەرگە سېلىشتۇرماڭ. كۆڭلىڭىزدە «مېنىڭ ئۆيۈمدە بولغان بولسا بۇ ئىش مۇنداق بىر تەرەپ قىلىناتتى» ياكى «مېنىڭ ئاپام ياكى دادام بولغان بولسا ماڭا مۇنداق مۇئامىلە قىلغان بولاتتى» دەپ سېلىشتۇرماڭ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدىسى ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ، شۇڭا ئامال بار ئۇلارنىڭ قارىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ ھەم ئۇنى قوبۇل قىلىڭ.

  ئىككى ئائىلىدىكى چوڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ، قېيىنئانىڭىزنىڭ ئۆيىدىكى ئۇششاق- چۈششەك گەپلەرنى ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە دەپ چىقماڭ، ياخشى گەپ بولسا دەڭ، مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزىدىغان گەپلەرنى ئامال بار دېمەڭ. مۇناسىۋەتكە بەك دىققەت قىلىڭ، سىز يەنە شۇ ئۆيگە كىرىپ شۇ ئەر بىلەن ئۆي تۇتىسىز، شۇ قېيىنئانىنىڭ قولىدا نان يەيسىز، چوڭلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىپ قالسا، ئەر- خوتۇن ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ ھەم كېيىن بۇ مۇناسىۋەتنى تەڭشەيمەن دەپ ھەممىدىن بەك كۈچەيدىغان ئادەم سىز بولۇپ قالىسىز. بۇ ئائىلىدىكى ھەر قايسى ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ياخشىلاڭ، بۇ سەل تەسكە توختايدۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئامال بار شۇلارغا يېقىن تۇرۇپ، شۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىڭ، ئۇلارنى ئۆز ئۆيىڭىزدىكىلەردەك كۆرۈڭ، بولۇپمۇ قېيىنئانىڭىزنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەڭ، ئۇنى ئۆز ئانىڭىزدەك كۆرۈڭ، ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ، سىز شۇنداق قىلالىسىڭىزلا، قېيىنئانىڭىز سىزنى چوقۇم ئۆز قىزىدەك كۆرەلەيدۇ، ھېچقانداق بىر ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئازاب تارتىشىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشنى خالىمايدۇ.

  ئېرىڭىزدىن «ئانىڭىزغا تۇرامسىز ياكى ماڭىمۇ؟» دېگەندەك بىمەنە سوئاللارنى سورىماڭ، ئۇ ئەلۋەتتە ئانىسىغا تۇرىدۇ ھەم ئانىسىغا تۇرۇشى كېرەك. شۇڭا ئېرىڭىزنى ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزگىلى، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلغىلى قويۇڭ، سىز ئېرىڭىزنى ياخشى كۆرگەنكەنسىز ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانىسىنىمۇ شۇنداق ياخشى كۆرۈپ خىزمىتىنى قىلىڭ، قېيىنئانىڭىزنى رازى قىلسىڭىز ئائىلەڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ، سىزنىڭمۇ يۈزىڭىز يورۇق بولىدۇ.

  ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ، تۇرمۇشتا ئاياللار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر ھەقىقەتەن كۆپ، شۇڭا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم ئۆگىنىڭ، تەربىيە كۆرگەن ساپالىق ئاياللار قەيەرگىلا بارمىسۇن باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆكسى- قارنىڭىز كەڭ بولسۇن، ئورۇنسىز گەپلەرنى ئاز قىلىپ ئىشنى كۆپ قىلىڭ، سۈكۈت قىلىشقا تېگىشلىك جايلاردا سۈكۈت قىلىڭ، لاتاپەتلىك، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، ئىشچان، خۇش پېئىل بولۇڭ، قىلغان ئىشلىرىڭىزغا مىننەت قىلماڭ، ئېرىڭىزگە ئىللىق مۇئامىلىڭىز، تەملىك تائاملىرىڭىز، ئىشچان، پاكىزلىقىڭىز بىلەن تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ، شۇنداق قىلغاندىلا بەختلىك ھەم ئىناق ئائىلە قۇرۇپ چىقالايسىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر