ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىيىتى

قازاق خەلقىنىڭ تىل ماھارىتى مۇسابىقىسى − ئېيتىشىش

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

2017.09.23 18:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئېيتىشىش − قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئەزەلدىن بار بولغان مۇكەممەل شېئىرىي خۇسۇسىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ژانىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىر- بىرى بىلەن تىل ماھارىتى كۆرسىتىدىغان مۇسابىقىسىدۇر. ئۇ تۇرمۇش قائىدە- يوسۇن قوشاقلىرىدىن باشلىنىپ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاقىنلار ئېيتىشىشىغا ئۇلاشقان. بۇ ھال ئېيتىشىشنىڭ ھەم لىرىكىلىق ھەم ئېپىكىلىق ھەم دىراماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شۇڭا بۇ ژانىر قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ باشقا تۈرلىرىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىپ، قازاق خەلقى ئارىسىدا ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان. قازاق خەلقىنىڭ ئۆلەڭ ئېيتىشىشىنىڭ قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا بىر قانچە تۈرى بار بولۇپ، ئۇلار: بادىك ئېيتىشىش، يار- يار ئېيتىشىشى، جانىۋارلار بىلەن ئادەمنىڭ ئېيتىشىشى، تېپىشماقلىق ئېيتىشىش، ھەزىل ئېيتىشىش، قائىدە- يوسۇن ئېيتىشىشى(قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئېيتىشىشى ۋە ئاقىنلار ئېيتىشىشى)دىن ئىبارەت. بۇ ئېيتىشىشلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزگىچە مەنىلىرى بولىدۇ.

  بادىك ئېيتىشىش: بۇ ئېيتىشىشنىڭ ئەڭ قەدىمكى تۈرىدۇر. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنىڭ سىرلىق مۆجىزىلىرىنى چۈشىنىشكە قادىر بولالمىغان ۋاقىتلاردا شامان دىنى ئەقىدىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.

  يار- يار ئېيتىشىشى: بۇ كۆپىنچە قىز ئۇزاتقاندا، ئۇزىتىلىدىغان قىز بىلەن يىگىت تەرەپ ۋەكىللىرى ئېيتىشىدىغان ئۆلەڭ ئېيتىشىش تۈرىدۇر.

  جانىۋارلار بىلەن ئادەمنىڭ ئېيتىشىشى: بۇ ئېيتىشىش قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. بۇنىڭدا جانىۋارلار بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ئېيتىشىشى مەزمۇن قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئەينى دەۋردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش، تىرىكچىلىك ئادەتلىرى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئىپتىدائىي كۆز قاراشلىرى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.

  تېپىشماقلىق ئېيتىشىش: بۇ ئېيتىشىش خەلقنىڭ ھاياتلىق ۋە تەبىئەتنىڭ نامەلۇم تەرەپلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنىڭ ئىپادىسى. مۇرەككەپ ھايات سىرلىرىنى چۈشىنىش، بىلىش، بىلمىگەنلىرىنى بىلىشكە يېتەكلەش بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنىنى ئېچىش، تەپەككۇرىنى كېڭەيتىش رولىغا ئىگە. تېپىشماقلىق ئېيتىشىشتا ئالدى بىلەن سۆز باشلىغۇچى شېئىرىي ئۇسۇلدا تېپىشماق ئېيتىدۇ. قارشى تەرەپ ئېيتىلغان تېپىشماقنىڭ يوشۇرۇن بەلگىلىرىنى ئىجادىي تەپەككۇر قىلىپ، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى توغرا تېپىپ چىقىدۇ. تېپىشماقلىق ئېيتىشىشنى ئېيتقۇچىلار ئىجادىي تەپەككۇرغا باي، ئالاھىدە سەنئەت ماھارىتىگە ئىگە، ئەتراپلىق بىلىم ۋە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان بولۇشى شەرت.

  ھەزىل ئېيتىشىش: بۇ ئېيتىشىش ئىككى تەرەپنىڭ ھەزىل، چاقچاقلىرىنى مەزمۇن قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرىنى چۈشۈرۈش ئاساسىدا ئېيتىشىدىغان ئېيتىشىش تۈرىدۈر.

  قائىدە- يوسۇن ئېيتىشىشى قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئېيتىشىشى ۋە ئاقىنلار ئېيتىشىشى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

  قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئېيتىشىشى: كۆپىنچە ئويۇن ۋە تويلاردا ئېيتىلىدۇ. ئادەتتە قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئېيتىشىشى ئېيتقۇچىلارنى تاللىمايدۇ. ئېيتىشىش ئىقتىدارى يوق قىز- يىگىتلەرمۇ ئۆگىنىش ئۈچۈن يادلىۋالغان ئۆلەڭلىرىنى ئېيتىشى مۇمكىن. بىراق بەزىدە ئاقىن يىگىت بىلەن ئاقىن قىزنىڭ ئالاھىدە ئۇچرىشىپ ياكى ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلىپ ئېيتىشىدىغىنىمۇ بولىدۇ. قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئېيتىشىشى، قائىدە- يوسۇن ئېيتىشىشىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئاساسىي بولغان ئاقىنلار ئېيتىشىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى ۋە تەييارلىقىدۇر. ھەرقانداق يېتىلگەن ئاقىن ئاقىنلىق ماھارىتىنى ئالدى بىلەن يېزا- قىشلاقلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان توي يىغىلىشلاردا يېتىلدۈرىدۇ. توي يىغىلىشلاردا يىگىتلەر قىزلارنى ماختاپ ياكى يامانلاپ ياكى بولمىسا قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان يىگىتنى يامانلاپ، قىزلارغا بولغان بېشارەتلىك تۇيغۇلىرىنى ئىزھار قىلىدۇ. مۇنداق ئېيتىشىشلار مەزمۇن جەھەتتىن ساغلام ۋە قىزىقارلىق، تىل ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن يېنىك ۋە تارتىملىق بولىدۇ.

  كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئېيتىشىش قازاق خەلقىنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك سەنئەت پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا قازاق خەلقىنىڭ تارىخىي سەرگۈزەشتلىرى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ- ئادىتى ۋە تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى مۇجەسسەملەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر