ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يۈزى قىزىرىشنى بىلىش ياخشى پەزىلەتتۇر

دولقۇن تۇرسۇن

2017.09.08 13:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كىچىك چاغلىرىمدا مومام دائىم ماڭا چۆچەك ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ ھەر بىر چۆچەكنى ئېيتىپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاشۇ چۆچەكتىكى خىلمۇخىل ۋە ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلەردىن ئالغان تەسىراتلىرىمنى بالىلارچە قىياس قىلغان ھالدا ئەمەلىي تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرۈپ سۆزلىگىلى سالاتتى. بىر كۈنى مومام بىر چۆچەكنى ئېيتىپ بولۇپ، تەسىراتىمنى سۆزلەتكۈزگەندىن كېيىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مەندىن سورىدى:

  − بالام، قېنى دەپ باققىنە، يۈزى قىزىرىش دېگەن نېمە؟

  تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالغا مەن دەماللىققا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىدىم. شۇ چاغدا يۈزۈم سەل قىزارغاندەك قىلىپ يەرگە قارىدىم. چۈنكى مەن مومامنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتىم. شۇڭلاشقىمىكىن تۇيۇقسىزلا سورالغان بۇ سوئالغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن خىجىل بولغانىدىم. مومام ئىللىققىنا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  − بالام، سەن بۇ سوئالغا ئەمەلىيەتتە جاۋاب بېرىپ بولدۇڭ. قارىغىنا يۈزلىرىڭنىڭ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكىنىنى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يۈزى قىزىرىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى سەن خىجىل بولدۇڭ، ئوڭايسىزلاندىڭ، مانا بۇ ھەقىقىي سەن. بىزگە دەل ساڭا ئوخشاش ئاشۇنداق يۈزى قىزىرىدىغان ئادەملەر كېرەك. بۇ دەل جەمئىيەتنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھەر بىر ئادەمدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە تەلىپى. سېنىڭمۇ يۈزى قىزىرىدىغان بالا بولغىنىڭدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم. مەڭگۈ يۈزى قىزىرىدىغان ئادەم بولۇشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن بالام.

  ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ، مەنمۇ چوڭ بولدۇم. ھەر بىر ئىش- ھەرىكىتىم، ئۆگىنىشىم، ئوقۇشۇم، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانلىرىمنىڭ ھەر بىرىدە مومامنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى يۈزى قىزىرىش ھەققىدىكى ئاددىي ئەمما مەنىلىك سۆزلىرىنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويمىدىم، ئويلاپ كۆرسەم بۇ سۆز چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەن. بىزگە قانداق ئادەم بولۇش، قانداق ياشاش، قانداق پەزىلەت ئىگىسى بولۇشنى بىلدۈرگۈچى مۇھىم دەرسلىك ئىكەن.

  بىز بۇ تېما ھەققىدە ھەر تەرەپلەردىن ئىنچىكە كۆزىتىپ ئەتراپلىق ئويلىنىدىغان بولساق، يۈزى قىزىرىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر مەزمۇننى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كىشى قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىشكەن ئەخلاق بوستانلىقىمىزنىڭ يارىشىم گۈلى ۋە جۇلاسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئاسراش، پەرۋىش قىلىش، قەدىرلەشنىڭ ھاياتىمىزدا ناھايىتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ئۇنىڭ بىزنىڭ ئادىمىيلىك، ۋاپادارلىق، كۆيۈنۈش، ئىنساپ- دىيانەت، ياخشىلىق، مىننەتدارلىق، قانائەتچانلىق، راستچىل- سەمىمىيلىك، چىدامچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، قەلبىمىزنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى، قانچىلىك پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى مۇھىم ئەينەك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. شۇنداقلا بۇ ئەينەك ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا ئىجابىي، ئىلمىي باھا بېرىشتە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىمىز ۋە قوللىنىمىز.

  ئەكسىچە يۈزى قىزارماسلىق- كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا مىننەتدارلىق ھېسسىياتى سۇس كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان ئستىخىيىلىك ھالەت بولۇپ، يۈزى قىزارمايدىغان كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىيىتى دائىم يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا ھالدا تويۇنماسلىق ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئېرىشكەنلىرىدىن قانائەت ھېس قىلمايدۇ. شەخسىيەتچىلىك قارىشى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر ئىشتا ئالدى بىلەن ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئويلايدۇ. دائىم ئۆزىنى ئازادە، تەبىئىي تۇتالمايدۇ. تۇرمۇش رىتىمى قالايمىقان، چېچىلاڭغۇ كېلىدۇ. جەمئىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كەمچىل بولىدۇ. تەلەپ قىلىش، يۆلىنىۋېلىش ئىدىيەسى كۈچلۈك كېلىدۇ. دائىم باشقىلاردىن رازى بولمايدۇ. ئەخلاق- پەزىلەت جەھەتتىن ئۆزىنى يېتەكلىشى مۇكەممەل بولمايدۇ.

  شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، يۈزى قىزارماسلىق ئەيىب ئەمەس بەلكى يۈزى قىزىرىشنى بىلمەسلىك ئەيىبتۇر. شۇڭا بىز مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەتراپىمىزدىكى يۈزى قىزىرىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى تۈرلۈك شەكىل ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئىجابىي يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان ياخشى خىسلەت يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر