ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى

مەمەتتۇرسۇن ھەسەن

2017.09.08 13:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تائام مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىختا نۇرغۇنلىغان تائام تۈرلىرى ۋە تائام ھۈنەر- سەنئىتىنى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تائام مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمال ئېڭى، گۈزەللىك ئېڭى، مۇھىت ئېڭى، ئىشەنچ ئېڭى، پىسخىك ئېڭى، ئېستېتىك ئېڭى، تەبىئەت ئېڭى قاتارلىق كۆپ خىل ئاڭ ۋە چۈشەنچىسى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇيغۇر تائام تۈرلىرىنىڭ تەييارلىنىش باسقۇچلىرى تەرتىپلىك بولۇپ، ھەر خىل تائام تۈرىگە سېلىنىدىغان خۇرۇچلار ئوخشىمايدۇ. نۇرغۇنلىغان تائاملىرىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدىن ھالقىپ مەملىكىتىمىزدىكى چوڭ- كىچىك شەھەرلەردىكى مېھمانسارايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان كاتتا زىياپەتلەردىن ئورۇن ئېلىپ، ھەرقايسى ئەل مېھمانلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

  ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئېتىشنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە- قانۇنىيەتلىرى بار. ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئېتىش ئالاھىدە بىر خىل ھۈنەر- سەنئەت بولۇپ، ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان تائاملارغا ئۇستىلاردىن ئۆگىنىش تەلەپ قىلىنمىسىمۇ، ئاشخانا، تېز تاماقخانا، رېستوران، مېھمانسارايلاردا تائام تەييارلايدىغان ئۇستىلار مەخسۇس ئاشپەزلىك مەكتەپلىرىگە كىرىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ نەزەرىيەۋى سىستېمىسى بويىچە تائام رىسالىسىنى ئۆگىنىدۇ.

  ھازىر خەلقنىڭ ماددىي- مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېمەك- ئىچمەككە بولغان تەلىپىمۇ ئۆستى. بۇرۇن تائامنى قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىدىغان بولسا ھازىر مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، روھىنى كۆتۈرۈش، ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس قىلغان ھالدا غىزالىنىدىغان ئادەت شەكىللەندى.

  ئۇيغۇر تائاملىرى ئادەتتىكىچە تەييارلاش ئۇسۇلىدىن سەنئەتلىك تەييارلاش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. ماھارىتى يۇقىرى ئۇستاملارنىڭ ئەل ئىچىدىكى ھۆرمىتى شۇنچە يۇقىرى، خېرىدارلىرى شۇنچە كۆپ، ئىش ھەققىمۇ يۇقىرى. ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ھەر بىر تۈرىنىڭ قېلىپلاشقان باسقۇچى، ئېتىش ئۇسسۇللىرى بولىدۇ، بۇ باسقۇچلارنى ئۇستىكارلار ئەستايىدىل، مۇكەممەل ئىگىلىۋېلىشى كېرەك. ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەييارلاشتا تائاملارنىڭ ئاساسى خۇرۇچى، قوشۇمچە خۇرۇچى، دورا- دەرمەكلىرىنىڭ مىقدارى، توغراش، سەپلەش، پىشۇرۇش تەرتىپى ۋە مەشغۇلات جەريانى، تائاملارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى، شەكلى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ.

  ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئىنچىكە، ئالاھىدە قەدەم- باسقۇچلۇق ھۈنەر- سەنئەت تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مۇكەممەللىشىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جۇڭخۇا تائام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر