ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاتا- ئانىغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ

مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

2017.07.14 12:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا ئاتا- ئانىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش توغرىسىدا پاراڭ بولۇۋاتقاندا، ئارىمىزدىكى بىرەيلەن:

  − ئاتا- ئانامنىڭ مائاشى مېنىڭ مائاشىمدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى، مەن ئۇلارنىڭ پۇلىنى كەڭ- كۇشادە خەجلەپ، نەچچە كۈندە بىرەر قېتىم تېلېفون بېرىپ ھال- ئەھۋال سوراپ قويىمەن، − دېدى پەخىرلەنگەندەك ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ.

  بۇ ئىشتىن كېيىن، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىلارغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈشى، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇشى ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى سېغىنىشى، ئۇلارنىڭ يولىغا تەلمۈرۈشى، پەرزەنتلىرىدىن پات- پات يوقلاپ تۇرۇشنى ئۆتۈنۈشى بىرەر نەرسە تاما قىلغانلىقىدىنمىدۇ؟ ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىقتىسادى يېتەرلىك بولسىلا، پەرزەنتلىرى ئۇلارنى يوقلاپ تۇرمىسىمۇ بولامدىغاندۇ؟ ئاتا- ئانىلارنىڭ پۇلى بولسا ئۇلارنى يوقلىماسلىق كېرەكمىدۇ؟ دېگەندەك سانسىزلىغان سوئاللار خىيالىمغا كىرىۋېلىپ بىئاراملىق ھېس قىلدىم.

  مېنىڭچە، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن، ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدىن ھالقىغان بولىدۇ. ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتا- ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، پەرزەنتلەرنىڭ ئۇلارنى پات- پات يوقلاپ، ئۇلاردىن ھال- ئەھۋال سوراپ تۇرۇش، ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ۋاقتى- ۋاقتىدا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىلارنى يوقلاپ تۇرۇشىنى ئىقتىساد بىلەن باغلىۋالساق قەتئىي بولمايدۇ. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىدىن نەرسە- كېرەك تەمە قىلمايدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىك مېھرىنى يەتكۈزۈشىنى، كۆپرەك يوقلاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەتتا ئۆزلىرى يېيىشكە كۆزى قىيمىغان يېمەكلىكلەرنى پەرزەنتلىرىنىڭ تېزرەك كېلىپ يەپ كېتىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.

  شۇڭا پەرزەنتلەر ھەر ۋاقىت ئاتا- ئانىلىرىنى پات- پات يوقلاپ، ئۇلار بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، ئۇلاردىن ھال- ئەھۋال سوراپ، ئۇلارغا روھىي جەھەتتىن خۇشاللىق ئاتا قىلىشى، ئۇلارنىڭ يالغۇزسىراشتىن، تەنھالىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل كېسەللەرگە دۇچار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئاتا- ئانىلارغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ ، سىز ئۇنى بايقىسىڭىزلا، ئاتا- ئانىڭىزنى خۇشال قىلالايسىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر