ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىش زور قىلمىشلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى ئېلان قىلىندى

2017.12.21 17:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى چۇنشيانىڭ 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى. ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىش زور قىلمىشلىرىنى جازالاشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي جامائەت پىكرىنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر قانۇن- نىزام ۋە بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىش زور قىلمىشلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى»دەپ ئېلىندى) ئېلان قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئەمگەك نازارەتچىلىكى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي خۇڭيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ «يولغا قويۇش چارىسى» ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ «ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىش زور قىلمىشلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش چارىسى» ئاساسىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتىلىپ، يەنىمۇ ئىنچىكە مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئىكەن. «يولغا قويۇش چارىسى»غا ئاساسلانغاندا، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىغان ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلىش زور قىلمىشلىرى: قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ھەم بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىلغان 12 خىل قانۇنغا خىلاپ زور قىلمىشنى سادىر قىلغۇچى ئورۇننىڭ تولۇق نامى، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇش نومۇرى شۇنىڭدەك تۇرۇشلۇق جايى، قانۇنىي ۋەكىلى ياكى مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسمى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر ئاساسىي پاكىتلار، ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئېلان قىلىش ۋاسىتىلىرى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئۆز باشقۇرۇشىدىكى تور بېكەتلىرى، ئاساسلىق گېزىت- ژۇرناللار، تېلېۋىزىيە قاتارلىق تاراتقۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2016- يىلى «ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان زور قىلمىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان زور قىلمىشلىرىنى 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ «چارە» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئەمگەك كاپالىتىگە خىلاپلىق قىلغان زور قىلمىشتىن 100 دىن ئارتۇقنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل