ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم توختام ماجىرالىرىنى بېرىم بۇيرۇقى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويدى

2017.12.21 17:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەننىڭ 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم توختام ماجىرالىرىنى بېرىم بۇيرۇقى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، دەۋاگەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قوغدىغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مەھكىمە 2017- يىلى يىل بېشىدىن 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگە قەدەر 238 دېلونى بۇغقان، بۇنىڭ ئىچىدە 160 دېلودا بېرىم بۇيرۇقى كۈچكە ئىگە بولۇپ، %67.23 نى ئىگىلىگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېرىم بۇيرۇقى نازارەتچىلىك تەرتىپىدىكى بىر تۈرلۈك قانۇن ھۆججىتى بولۇپ، ئەگەر قەرزدار باشقىچە پىكىردە بولمىسا، بېرىم بۇيرۇقى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، سوت مەھكىمىسى بېرىم بۇيرۇقىغا ئاساسەن دېلو پۇلىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدىكەن.

  مەزكۇر مەھكىمە ھەق تەلەپ 2- سوتى كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جەزىرە ئادىرقان بىر تىپىك دېلونى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋاڭX لىXتىن 130 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، قەرەلى توشقاندىمۇ قايتۇرمىغان. شۇنىڭ بىلەن لىX بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن بېرىم بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ۋاڭXتىن دىر ۋە ئۆسۈم بولۇپ 136 مىڭ يۈەن قەرزنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سوت مەھكىمىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن ۋاڭX كە بېرىم بۇيرۇقى چۈشۈردى، ۋاڭX بۇنىڭغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەم تەلەپ بويىچە ئىجرامۇ قىلمىدى. ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى دېلو پۇلىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ، لىX كە قەرزىنى 15 كۈن ئىچىدىلا ئېلىپ بەردى. ئەگەر مەزكۇر دېلوغا ئادەتتىكى دەۋا تەرتىپىنى قوللانغاندا، كەم دېگەندە ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

  مەزكۇر مەھكىمە ھەق تەلەپ 2- سوتى كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ سەيخۇڭ مۇنداق دېدى: بېرىم بۇيرۇقى ئادەتتىكى دەۋادىكى يەتكۈزۈش، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش، مۇرەسسە قىلىش، سوت ئېچىش، ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئىجراغا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق قانۇن باسقۇچلىرىنى ئازايتىپ، دەۋاگەرلەرنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى تېجەيدۇ، سوتقا قاتراش قېتىم سانىنى ئازلىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل