ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شېرىكلىشىپ سودا قىلىش جەريانىدا بىر تەرەپ كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، شېرىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

2017.12.20 17:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دېلو مىسالى: خۇاڭX بىلەن چيۇX ھەر ئىككىسى قوي ئېلىپ- سېتىش سودىسى قىلىدىغان بولۇپ، 2016- يىلى 12- ئايدا ھەمكارلىشىپ سودا قىلىشقا، تاپقان پايدىسىنى تەڭ بۆلۈشۈشكە كېلىشكەن.چيۇX بۇ يىل 1- ئاينىڭ 7- كۈنى مەلۇم باقمىچىلىق مەيدانىدىن قوي يۆتكەش جەريانىدا ھاراق ئىچىپ قارشى يۆنىلىشتىكى يولنى ئىگىلەپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكتىن، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ياڭXنىڭ ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي نەق مەيداندا قازا قىلغان.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى بۇ قېتىمقى ھادىسىدە چيۇX بىلەن ياڭX تەڭ دەرىجىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتكەن. ياڭX تەرتىپ بويىچە ئالدى بىلەن چيۇXنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 58 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىگەن. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، چيۇXنىڭ قازا قىلىشتىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك زىيانلىرىنى 765 مىڭ 800 يۈەن بېكىتىپ، سۇغۇرتا شىركىتىنى 482 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە، قالغان 283 مىڭ 800 يۈەننى چيۇXنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرىغان.

  چيۇXنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى «چيۇX خۇاڭX بىلەن شېرىك سودا قىلىش جەريانىدا قازا قىلغان، خۇاڭX سودا شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ قاراپ، خۇاڭX تىن 141 مىڭ 900 يۈەن ئۆلۈم تولۇقلىما پۇلى تەلەپ قىلغان.

  خۇاڭX ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەقە چيۇXنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىشىدىن كېلىپ چىققان بولغاچقا، ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراپ تۆلەم تۆلەشنى رەت قىلغان. تەرەپلەر بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

  دېلو تەھلىلى: بىڭتۈەن فاڭساۋخۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىغان: خۇاڭX بىلەن چيۇX شېرىكلىشىپ قوي سودىسى قىلغان بولۇپ، چيۇX نىڭ قوي يۆتكىشىمۇ ھەمكارلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈندۇر. چيۇXنىڭ قازا قىلىشىدا خۇاڭX تە بىۋاسىتە سەۋەنلىك كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چيۇX خۇاڭX بىلەن شېرىكلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتكە ئېرىشىش جەريانىدا قازا قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن خۇاڭX مۇناسىپ ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلىشى كېرەك.

  باش سوتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چيۇXنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلىشى ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچىپ يول ئىگىلەپ ئاپتوموبىل ھەيدىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، قاتناش ساقچى تارماقلىرى چيۇXنى ھادىسىدە تەڭ دەرىجىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قاراپ، 382 مىڭ 800 يۈەننى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا بۇيرىغان. سوت مەھكىمىسى چيۇXنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك زىياننىڭ يېرىمىنى خۇاڭX تىن تۆلىتىۋالماقچى بولغانلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى يوق دەپ قاراپ، چيۇXنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئاخىرىدا دېلودىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى، شۇنداقلا تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خۇاڭXنى چيۇXنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 30 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىغان.

                ئۆز خەۋىرىمىز
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل