ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىسا خوجىلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟

مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت

2017.10.06 13:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سانى كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇپ قالدى. ئائىلىلىكلەر قورۇلىرىدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى سېتىۋالغانلار ئاپتوموبىلىنى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىغا توختاتسا، باشقىلار قورۇدىكى بوش ئورۇنلارغا توختىتىدۇ، بۇنداق ئورۇنلارغا توختىتىلغان ئاپتوموبىلنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن مۇستەسنا بولغىلى بولمايدۇ. ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى بوش ئورۇنغا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىسا، خوجىلىق تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالامدۇ؟
  شىنجاڭ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ كامالەت ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىمجان ئەمەت بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامى 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ نىزام مۈلۈكدارلار بىلەن خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي مۇناسىۋەتنى تەڭشىدى. خوجىلىق باشقۇرۇش رايون تەۋەسىدىكى ئاپتوموبىللار كۈتۈلمىگەن زىيانلارغا ئۇچرىسا، مەھەللىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىلنىڭ دېرىزىلىرى چېقىلىپ، ئىچىدىكى مال- مۈلۈكلەر زىيانغا ئۇچرىسا، ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل ئىچىدىكى مۈلۈكنىڭ زىيىنىغا قارىتا مۇشۇ تەۋەلىكتىكى خوجىلىق مەسئۇلىيەت شىركىتى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.
  خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتى ئالدى بىلەن مۇشۇ مەھەللىدىكى ئورتاق رايوننى ئومۇمىي جەھەتتىن قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. شىركەتنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق، كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئورناتقان، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى يېتەرلىك سەپلىگەن، بۇ خادىملار مەھەللىنى چارلاپ تۇرغان، ئەڭ مۇھىمى، مۇشۇ قورۇغا كىرىش- چىقىش ئېغىزلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بويىچە كىرگەنلەر تىزىملىتىپ كىرىدىغان، قورۇدا داۋاملىق ئولتۇرىدىغانلار كىرىپ- چىقىش ئىجازەتنامىسى بېجىرگەن بولسا، بۇ مەھەللىدىكى خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرىنىڭ تەدبىرلىرى ناھايىتى مۇكەممەل بولغان بولىدۇ. خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى تەدبىرلىرىنىڭ مۇشۇنداق مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى دەلىل- ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنىڭ زىيىنىنى خوجىلىق باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. مۈلۈكدارلار مۇشۇ ھەقتە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىمۇ ئۇتتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، چۈنكى سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنى مۇشۇ مۇلازىمەت رايونىدا ئامانلىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان دەپ قارايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز