ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەكشى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى

− «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى»دىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر

مۇخبىرىمىز ئاينۇر ئابلىمىت

2017.08.10 12:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» 2002- يىلى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان، 2004- ، 2006- ، 2010- يىللىرى ئۈچ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنىدى. 2017- يىل 7- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30- يىغىنىدا بۇ «نىزام»نىڭ 4- قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  «نىزام»نىڭ 4- قېتىملىق تۈزىتىلگەن نۇسخىسىدا قانداق يېڭىلىقلار بار؟ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت، سەھىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇسالام ئۆمەر بۇ ھەقتە كونكرېت چۈشەنچە بەردى.

    نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدىغان بولدى

  «نىزام»نىڭ 11- ماددىسىغا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چەت- ياقا، نامرات جايلارنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە نۇقتىلىق يار- يۆلەك بولۇشى كېرەك؛ ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ جايىدا ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىراجىتىنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يىللىق مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈش بەلگىلەندى.

    ئاز سانلىق مىللەت ئىسىم- فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئاساس سېلىندى

  «نىزام»نىڭ 24- ماددىسى يېڭىدىن قوشۇلۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئاز سانلىق مىللەت ئىسىم- فامىلىلىرىنى ئۆلچەملىك يېزىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە «تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى»نى ئۆلچەملىك تولدۇرۇشى كېرەك، دىنىي ئەسەبىيلىك تۈسىنى ئالغان ئىسىم- فامىلىلەرنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، ج خ تارمىقى نوپۇسقا ئالغاندا «تۇغۇلۇش تېببىي ئىسپاتى»نى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك دەپ بەلگىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك تۈسىنى ئالغان كىشى ئىسىملىرىنى قويۇش قاتتىق مەنئى قىلىندى ھەم ئاز سانلىق مىللەت ئىسىم- فامىلىلىرىنىڭ يېزىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

    قانۇنغا خىلاپ پەرزەنت كۆرۈش تەننەرخى ئۆستۈرۈلدى

  «نىزام»نىڭ 14- ماددىسىغا پۇقرالارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقى ۋە قانۇن بويىچە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتى بار، قانۇنغا خىلاپ پەرزەنت كۆرگەنلەردىن قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش ھەمدە قانۇنغا خىلاپ پەرزەنت كۆرۈش ۋە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققىنى تاپشۇرماسلىق ئەھۋالىنى شەخسلەرنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قانۇنغا خىلاپ پەرزەنت كۆرۈش تەننەرخى ئۆستۈرۈلدى.

    چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭ ساغلام، سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

  «نىزام»نىڭ 22- ماددىسىغا ئايالنىڭ يېشى 30 دىن ئاشقان بولسا، ئارىلىق قالدۇرۇپ پەرزەنت كۆرۈش چېكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭ ساغلام، سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈشى كاپالەتلەندۈرۈلدى.

    قانۇنغا خىلاپ پەرزەنت كۆرگۈچىلەرنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى

  «نىزام»نىڭ 44- ماددا 1- تارمىقىدا «نىزام»نىڭ 42- ، 43- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشتا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدارلارنىڭ ئەمەلىي كىرىمى شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولسا، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئۈچ ھەسسىسى بويىچە ئېلىنىدۇ؛ شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىگە تەڭ كەلسە، بەش ھەسسىسى بويىچە ئېلىنىدۇ؛ شۇ جاينىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولسا، سەككىز ھەسسىسى بويىچە ئېلىنىدۇ دەپ بەلگىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ پەرزەنت كۆرگۈچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى ئۆستۈرۈلۈپ، جازالاش سالمىقى زورايتىلدى.

  48- ماددا يېڭىدىن قوشۇلدى، ئۇنىڭدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئارىلىق قالدۇرۇپ پەرزەنت كۆرمىگەنلەرگە ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدار تۇرۇشلۇق ناھىيە(شەھەر) ئاھالىسىنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ياكى يېزا كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئارىلىق قالدۇرۇش مەزگىلىگە يەتمىگەن ئاي سانى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  49- ماددىسىغا بىر تارماق قوشۇلدى، يەنى مۇشۇ «نىزام»دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ پەرزەنت كۆرگەنلەردىن بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ھەققى ئېلىنغاندىن سىرت، ئۇلار يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۇغۇت ھەققىنى ئۆزى تۆلەيدۇ، ئۈچ يىل ئىچىدە دەرىجىسىنى، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىلغار باھالاشقا بولمايدۇ ھەمدە قانۇن- ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

    توي دەم ئېلىشى ۋە تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۇزارتىلدى

  «نىزام»نىڭ 26- ماددىسىدا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە توي خېتى ئالغاندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن توي دەم ئېلىش كۈنىگە 20 كۈن قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھالدا پەرزەنت كۆرگەنلىرىگە دۆلەت بەلگىلىگەن تۇغۇت دەم ئېلىشىغا 60 كۈن قوشۇپ بېرىلىدۇ، ئەرگە 15 كۈن قاراش دەم ئېلىشى بېرىلىدۇ؛ توي دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى ۋە قاراش دەم ئېلىشى مەزگىلىدە مائاشى، مۇكاپات پۇلى تولۇق بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر