ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

باركۆل ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى

كەسىپلەر گۈللىنىپ، يېزا- كەنتلەر گۈزەللىشىپ، دېھقان- چارۋىچىلار بېيىدى

مۇخبىرىمىز شيا چىڭ

2018.05.30 11:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇش- بولماسلىقى، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈزەل بولۇش- بولماسلىقى، دېھقانلارنىڭ باي بولۇش- بولماسلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» كەسىپلەرنى كۈچەيتتى

  باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خۇاڭتۇچاڭ تەرەققىيات رايونىدىكى خۇاڭتۇچاڭ كەنتىنىڭ داڭقى ئاساسسىز چىققان ئەمەس، بۇ كەنت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۆگە سۈتى بىلەن يىراق- يېقىنغا تونۇلدى.

  خۇاڭتۇچاڭ كەنتىدە 181 ئائىلىلىك 529 كىشى، 800 تۆگە بار، ھەممە ئائىلىدە ئاساسەن تۆگە بېقىلىدۇ. بۇ كەنتتىكىلەر تۆگە بېقىشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن بولغاچقا، تۆگە ئۇلارنىڭ «بېيىش گۆھىرى»گە ئايلاندى.

  خۇاڭتۇچاڭ كەنتىدىكى ئېنتىماق رېھىم ھۆكۈمەت بەرگەن بەش نامراتلارنى يۆلەش تۆگىسىنى بېقىشتىن ئىش باشلىغانىدى، ھازىر ئۇنىڭ تۆگىسى 60 قا يېتىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى ئىسمى- جىسمىغا لايىق باقمىچىلىق ئائىلىسىگە ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۆگىلىرىمدىن كۈندە 20 كىلوگىرام سۈت چىقىدۇ، تۆگە سۈتىنىڭ كىلوسى 30 يۈەن، ناھىيەدىن كۈندە ئادەم كېلىپ سۈتلەرنى سېتىۋېلىۋاتىدۇ، سېتىشتىن غەم قىلمايمەن.

  ھازىر ئېنتىماق رېھىم 130 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچتى، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق، تېخى ئاپتوموبىلمۇ سېتىۋالدى.

  ئېنتىماق رېھىم ۋە كەنتتىكى باشقا كىشىلەرمۇ تۆگە بېقىپ بېيىش يولىغا ماڭدى، لېكىن دەسلەپتە بۇ يولدا مېڭىش ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى. يەم - خەشەكنىڭ كەمچىل بولۇشى خۇاڭتۇچاڭ كەنتىدىكىلەرنىڭ تۆگە باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشىدىكى قىيىن مەسىلىگە ئايلانغانىدى. بۇلتۇر تۆگە سۈتچىلىك كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، قومۇل شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خۇاڭتۇچاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ تىرىشچانلىقىدا كۆپ يىل ئاق قالغان 2750 مو يەرگە بېدە تېرىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ تۆگە باقمىچىلىقىدىكى يەم - خەشەك كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  خۇاڭتۇچاڭ كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى رۇ بياۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يەنە 1100مو يەم - خەشەك بازىسى قۇرۇپ، يەم - خەشەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىمىز.

  خۇاڭتۇچاڭ كەنتىدە تۆگە سۈتىنىڭ داڭقى چىقىشى بىلەن، كۆپ يىل تۆگە سۈتى تىجارىتى قىلغان داڭلىق كارخانا شېنتو شىركىتى تۆگە سۈتى پىششىقلاش زاۋۇتىنى خۇاڭتۇچاڭ كەنتىگە قۇردى.

  رۇ بياۋ مۇنداق دېدى: شېنتو شىركىتىنىڭ تۆگە سۈتى پىششىقلاش زاۋۇتىدا يېقىندا رەسمىي تىجارەت باشلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن زاۋۇت چارۋىچىلارنىڭ تۆگە سۈتىنى بىۋاسىتە سېتىۋالىدۇ.

  بىر كەسىپكە تايىنىپ بىر كەنتنى جانلاندۇرۇشتەك مىساللار باركۆل ناھىيەسىدە ئاز ئەمەس. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، كەشتىچىلىك، كىيىم- كېچەك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاسلىقى گەۋدىلەنگەن، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئۈنۈمى ياخشى بىر تۈركۈم خاس كەسىپلەر تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگىلىك كەنتلەرنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات ياكى كۆپ مەھسۇلات بولۇش، بىر كەنتتە بىر كەسىپ ياكى كۆپ كەسىپ بولۇش»تەك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

  گۈزەل تاغلىق كەنتلەر يېڭى قىياپەتكە كىردى

  باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سارچوقا يېزىسى شەرقىي سۇجى كەنتىدىكى جايدارئاي ئېسېنتاي دېرىزىسىدىن چۈشكەن ئىللىق قۇياش نۇرىدا كەشتە تىكىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەشتەم پۈتەي دەپ قالدى، ئايدا ئىككىدىن ئۈچكىچە كەشتە تىكىپ، بىر كەشتىنى 400يۈەندىن سېتىپ، ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىۋاتىمەن، بۇ ماڭا نىسبەتەن خېلى كۆپ كىرىم ھېسابلىنىدۇ.

  ھازىر شەرقىي سۇجى كەنتىدە كۆپ قىسىم ئايال ئۆيىدە كەشتىچىلىك قىلىپ، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشماقتا. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي سۇجى كەنتنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەر ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە ئۆزگىرىپ، ئاسفالت يوللار ئىشىك ئالدىغىچە ياسالدى. كەنت قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىسى ئەنشيۇ مەدەنىيەت كەسپى چەكلىك شىركىتى كەنتكە ئادەم ئەۋەتىپ، كەنتتىكى ئاياللارغا ئەنشيۇ كەشتىچىلىكىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ قويدى، كەنتتە يەنە مەھسۇلاتلارنى يىغىۋېلىش پونكىتى قۇرۇپ بەردى.

  جايدارئاي ئېسېنتاي مۇنداق دېدى: ئۆيلىرىمىزگە سۇ تۇرۇبىسى، ئىشىك ئالدىمىزغا قۇياش نۇرى چىرىغى ئورنىتىلدى، ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن بولدى.

  شەرقىي سۇجى كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە گۈزەل- يېزا كەنت قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلغانلىقىنىڭ كىچىك كارتىنىسى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ناھىيە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا سۇ، قاتناش، توك، تور قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەندۈردى.

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش كېرەك. باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ۋە مەبلەغنىڭ يېزىلارغا مايىللىشىشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يېزىلارغا يەتكۈزۈلۈشى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يېزىلارنى قاپلىشى، شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ يېزىلارغا تارقىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، قىياپىتى گۈزەل ۋە مەدەنىي يېڭى كەنتلەرنى قۇرۇشقا كۈچىدى.

  چارۋىچىلار ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئالدى

  كۆلپاقا يېزىسىنىڭ قارا چەڭزى كەنتىگە يېقىن بولغان باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى كەنتتىكى چارۋىچىلارغا بېيىش ئۈمىدى ئاتا قىلدى. نەچچە كۈندىن بۇيان، كەنتتىكى خاراخات ماخمۇت ئائىلىسىنىڭ چارۋىچىلىق ئارامگاھىنى بېزەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇلتۇر كەنتتىكىلەر ئارقا- ئارقىدىن چارۋىچىلىق ئارامگاھى ئاچقانىدى، خاراخات ماخمۇتمۇ سىناپ بېقىش ئىستىكىدە تولۇق تەييارلىق قىلىپ چارۋىچىلىق ئارامگاھى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر چارۋىچىلىق ئارامگاھىمدىن بىر ئايدىلا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ چارۋىچىلىق قىلىپ بىر يىلدا تاپقان پۇلۇمدىن كۆپ بولدى.

  چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئالالىشى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىرىكتۈرگەنلىكى ۋە يېزا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزىگەنلىكىدىن بولدى. بۇلتۇر بۇ ناھىيە يېزا مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى باشلاپ، يېزا ئەخلىتى، يۇندى، ھاجەتخانىلارنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  ھەلىمە شەنسىڭباي ئىلگىرى دېھقانچىلىق ۋە قوشۇمچە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ، يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراق كىرىم قىلاتتى. ھازىر باركۆل كۆلى مەنزىرە رايونىدا بىر كىچىك دۇكان ئاچتى، يىللىق كىرىمى ئىلگىرىكى ئۈچ- تۆت يىللىق كىرىمىگە تەڭلەشتى.

  ھەلىمە شەنسىڭباينىڭ دۇكىنىدا تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن باشقا، يەنە ئاساسلىق قازاقچە خاس يېمەكلىكلەر بار ئىدى، ئۇ بۇلارنى سېتىپ كۆپ پۇل تاپتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر سودىنىڭ كاسات ۋاقتى، كۈندە 200 يۈەن ئەتراپىدا سودا بولۇۋاتىدۇ، سودىنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە كۈندىلىك سودا 700 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئىلگىرى بۇنداق ياخشى كىرىم قىلىشنى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق.

  بۇ ناھىيە ئېكولوگىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى بايلىققا ئايلاندۇردى، ساياھەتچىلىك يەرلىك دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىدىكى يېشىل كەسىپكە ئايلاندى.

  كۆلياقا يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 600 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلىرىمىز ساياھەتچىلىكنىڭ «نېنى»نى يەپ، ئۇنىڭدىن ئوبدان كىرىم قىلدى.

  باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلىدى، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك قىياپىتىنى ساقلاپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇپلا قالماي، گۈزەل مەنزىرىلەرنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرىدىغان بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، دېھقان- چارۋىچىلارنى بېيىتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل