ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

لوپنۇردىكى پاختىكارلار مول ھوسۇللۇق يىلىنى كۈتۈۋالدى

مۇخبىرىمىز شيا چىڭ

2017.12.27 16:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ سۇ، تۇپراق، كۈن نۇرى شارائىتى ئەۋزەل بولغاچقا، لوپنۇر دېھقانلىرى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ كېۋەز تېرىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ناھىيە تېزلا مەملىكەت بويىچە سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسىغا ئايلاندى. بۇ يىلقى پاختا يىغىش مەزگىلىدە، پاختا ھوسۇلى قانداق بولدى؟ پاختا باھاسى ئۆستىمۇ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لوپنۇر ناھىيەسىدە زىيارەتتە بولدۇم.

  11- ئاينىڭ 18- كۈنى لوپنۇر ناھىيەسى «چيەنميەن» پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش پونكىتى ئالدىدا لىق پاختا بېسىلغان چوڭ- كىچىك تىراكتورلارنىڭ پاختا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئىتتىپاق بازىرى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدىكى پاختا ساتقىلى كەلگەن خەن ۋېي مۇنداق دېدى: بۈگۈن بەشىنچى قېتىم پاختا سېتىشقا كېلىشىم، ھازىرغىچە 30 توننا پاختا سېتىپ بولدۇم، ھەر كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى يەتتە يۈەندىن بولدى.

  خەن ۋېينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئۇ 240 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ، ھەر مو يەردىن 450 كىلوگىرامدىن كۆپرەك چىگىتلىك پاختا ئالغان. ئۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پاختا يىغىشقا 22 كىشىنى ئىشلىتىپ، پاختىنى ۋاقتىدا تېرىپ ئامبارغا كىرگۈزۈپ كۆپرەك پۇلغا ساتماقچى بولغان.

  لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ كېۋەزلىك كۆلىمى 1 مىليون 120 مىڭ مو بولۇپ، بىرلىك ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن ئاشقان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئومۇمىي ھوسۇل 160 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پاختا سېتىۋېلىش پىششىقلاش كارخانىلىرى پاختىلارنى ئاشكارا سېتىۋالغان، چىگىتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسى يەتتە يۈەن ئەتراپىدا بولغان.

  ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدىكى پاختىسىنى سېتىپ بولغان دېھقان ھەسەنجان مەمەت مۇنداق دېدى: چىگىتلىك پاختىنىڭ بۇ يىللىق سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى، كېۋەزلىرىممۇ ئالدىنقى يىللاردىكىدىن بەكرەك ئوخشىدى، ئائىلىمىز پاختىدىنلا نەچچە 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمىز.

  لوپنۇر ناھىيەسى «چيەنميەن» پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پاختا سېتىۋېلىش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى لى يۆچاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر دەل پاختا يىغىش مەزگىلى، يېڭى پاختىلارنى دۆلەتنىڭ پاختا سېتىۋېلىش ئۆلچىمى بويىچە سېتىۋالدۇق. بۇ يىل 5000 توننا ساپ پاختا سېتىۋېلىشنى پىلانلىدۇق. پاختا سېتىۋېلىشتا، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتۇق، پاختىسىنى سېتىپ بولغان پاختىكارلار يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپىغا بېرىپ، پاختا ساتقان پۇلىنى ئېلىۋالىدۇ.

  لوپنۇر ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ناھىيە بويىچە كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولدى، پاختا ھوسۇلىنى كۆزىتىشتىن قارىغاندا، كۆرسەتكۈچلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان.

  لوپنۇر ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاختىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، كېۋەز تېرىش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى، سۈپەتلىك سورتلارنى كېڭەيتىش، تېخنىكىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇچۇردا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق پاختىكارلارنىڭ ئىلمىي ئوغۇتلاش، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئېتىز پەرۋىشىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشنى كۈچلۈك تېرەككە ئىگە قىلىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈردى.

  دۆڭقوتان يېزىسىنىڭ مىرسالى كەنتىدىكى دېھقان ھەبىبۇللا ھۈسەن 11- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتە، ھويلىسىدىكى تاغار- تاغارلارغا قاچىلىنىپ رەتلىك تىزىلغان پاختىلارغا قاراپ شادلىققا چۆمدى.

  ھەبىبۇللا ھۈسەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ يىل 200 مو يېرىگە كېۋەز تېرىدى، ئۇ بۇلتۇر «ئۈمىد» كېۋەز تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېخنىكلىرى ھەبىبۇللا ھۈسەننىڭ كېۋەزلىكىنى بىر تۇتاش ئىلمىي پەرۋىش قىلىشىغا ياردەملەشكەچكە، بۇ يىل كېۋەزلىرىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامغا يەتتى. ھەبىبۇللا ھۈسەن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يىللاردا مو بېشى ھوسۇلىنى 400 كىلوگىرامدىن ئاشۇرماقمۇ تەس ئىدى. بۇ يىل مو بېشى ھوسۇلى بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.

  دۆڭقوتان يېزىسىدىكى دېھقان چېن جيەنگو مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى كېۋەزلىكىمىزنى پەرۋىش قىلىشقا ياردەملەشكەچكە، كېۋەزلىرىمىز ئوبدان ئوخشىدى، پاختا ھوسۇلى ۋە سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن كېۋەز تېرىش قىزغىنلىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى.

  چېن جيەنگومۇ «ئۈمىد» كېۋەز تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى. ھازىر «ئۈمىد» كېۋەز تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى 820گە يەتكەن بولۇپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 130 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. ئەزالار كېۋەزنى بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە تېرىپ، پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان پاختىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. «ئۈمىد» كېۋەز تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى چىن يۈەنچۈەن مۇنداق دېدى: پاختىنىڭ سۈپىتى ۋە بىرلىك ھوسۇلىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىپ، پاختا يېشىل ماركىسىنى ياراتتۇق. بۇ يىل ناھىيە يولغا قويغان پاختىدىن يېشىل يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتۇق.

  ناھىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كېۋەزنى ھوسۇلى يۇقىرى رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ تېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سورتلارنى ئىشلىتىش، بالدۇر تېرىش، ياخشى تېرىش، يالتىراق يېپىش، نىسبەت بىلەن ئوغۇتلاش، تېمىتىپ سۇغىرىش، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىلمىي پەرۋىش ئۇسۇللىرىنى ئاكتىپ قوللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى»، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى» قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  دۆڭقوتان يېزىسىنىڭ خۇلجا كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە چوڭ تىپتىكى بىر نەچچە پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلاتى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى جەلپ قىلىۋالغانىدى، بۇ ماشىنىلار بىردەمدىلا پاختىلارنى ئوراپ چىقىراتتى. دېھقان لى جيەن مۇنداق دېدى: ماشىنا بىلەن پاختا يىغقاندا پاختا يىغىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقىلى، ئۈششۈك چۈشۈش سەۋەبلىك پاختا يىغىشقا تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈزدە ئېتىزلارنى تۈزلەش، كېۋەز شادىلىرىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش ۋە توڭ ياتقۇزۇش ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالايمىز.

  لى جيەن كۆپ يىللىق كېۋەز تېرىش تەجرىبىسىگە ئىگە، ئۇنىڭ 400 مو يېرى بولۇپ، ھەممىسىگە كېۋەز تېرىپتۇ. ماشىنا بىلەن پاختا تېرىشنىڭ پايدىسىنىڭ بار- يوقلۇقىنى تىلغا ئالغاندا لى جيەن مۇنداق بىر ھېساباتنى قىلىپ بەردى: 400 مو يەردىكى پاختىنى ئادەم كۈچى بىلەن يىغقاندا 20 نەچچە كۈن ۋاقىت كېتىدۇ، ماشىنا بىلەن يىغقاندا بىر نەچچە سائەتلا كېتىدۇ. ھەر مو يەرنىڭ چىگىتلىك پاختىسىنى 400 كىلوگىرام دەپ ھېسابلىساق، ئادەم كۈچى بىلەن يىغقاندا بىر مو يەرنىڭ چىقىمى 800 يۈەن بولىدۇ، ئەمما ماشىنا بىلەن يىغقاندا ھەر مو يەرنىڭ چىقىمى 260 يۈەنلا بولىدۇ. پاختا يىغىشتىنلا ھەر مو يەردىن 540 يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

  ماشىنا بىلەن پاختا يىغقاندا تەننەرخ تۆۋەن بولغاچقا، بىر قىسىم دېھقانلار ئاڭلىق ھالدا كېۋىزىنى ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش ئەندىزىسى بويىچە تېرىشقا باشلىغان. تارىم يېزىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىدىكى پاختىكار تۇرسۇن تاشلى ماشىنا بىلەن پاختا يىغىشتىكى ئەۋزەللىكنى كۆرۈپ، بۇ يىل كېۋەزلىرىنى ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش ئەندىزىسى بويىچە تېرىغان. تۇرسۇن تاشلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ 2000 مو پاختىسىنى ماشىنىدا يىغدۇق، ۋاقتى قىسقا، ئەرزان بولىدىكەن، ماشىنا بىلەن پاختا يىغىشنىڭ تەمىنى تېتىدىم.

  تۇرسۇن تاشلى ماشىنا بىلەن پاختا يىغىشنىڭ كەلگۈسىگە تولۇق ئىشەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى پاختىنى ماشىنا بىلەن يىغىشنى ئاۋارىچىلىك دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ئاسان ئىش. يەرنى ياخشى تۈزلەپ، ماشىنا بىلەن تېرىيدىغان كېۋەز سورتىنى تاللاپ، كېۋەزنى ماشىنا بىلەن تەرگىلى بولىدىغان ئەندىزە بويىچە تېرىپ، ئىلمىي پەرۋىش قىلىدىغانلا بولساق ھوسۇل كەملەپ كېتىدىغان، سۈپىتى ناچار بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ھازىر لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پاختىكارلارنى كۆپ يىلدىن بۇيان چۈشەپ تۇرۇۋاتقان پاختا يىغقۇچىلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ھەل بولماقتا. بۈگۈنگە كەلگەندە، تېخىمۇ كۆپ پاختىكارلار ماشىنا بىلەن پاختا يىغىش ۋە ئادەم كۈچى ئارقىلىق پاختا يىغىشتا مو بېشى ھوسۇلىنىڭ ئاساسەن ئوخشاش چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئىلگىرى ماشىنا بىلەن پاختا يىغىشقا بولغان ھەرخىل گۇمانلىرىنى تۈگىتىپ، ماشىنا بىلەن پاختا يىغىشقا قەتئىي ئىرادە باغلىدى.

  لوپنۇر ناھىيەسى بۇ يىل 1 مىليون 120 مىڭ مو كېۋەزلىكتىن 622 مىڭ مو يەرنىڭ پاختىسىنى ماشىنىدا يىغدى. پاختىكارلار ماشىنىلاشقان پاختا يىغىش ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا، تەننەرخ تۆۋەنلەپلا قالماي يەنە پاختا تېرىش ۋاقتى قىسقاردى، تېخىمۇ مۇھىمى پاختا يىغقۇچىلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  (ئادىل روزىمەمەت تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر