ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«لاۋجاڭ»نىڭ يېزىدا تۇرۇش خاتىرىسى

مۇخبىرىمىز شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جۇ خەيشيا

2017.12.27 16:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باغراش ناھىيەسىنىڭ چېكىننۇر يېزىسى موغات كەنتىدىكى خې دېساڭنىڭ ھويلىسىنى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى ئەتىگەندە بىرەيلەن سۈپۈرۈۋاتاتتى. باغراش ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ چېكىننۇر يېزىسى موغات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ شىجياڭ خې دېساڭنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئۆيىنى ئۆز ئۆيىدەك كۆرۈپ، كۈندە ئەتىگەن تۇرۇپ ھويلىنى سۈپۈرۈشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرغانىدى.

  ئۇ ھويلىنى سۈپۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئېتىزلىققا بېرىپ ئىشلەيتتى. خې دېساڭ چاقچاق قىلىپ: ئۇ ئۆيىمىزدە تۇرۇۋاتقان بىر ئايدىن بۇيان ھەممىمىز ئىشچان بولۇپ كەتتۇق، دېدى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، جاڭ شىجياڭ دائىم خې دېساڭنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا ئائىت تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىنى كۆرۈشكە چاقىراتتى. خې دېساڭنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، يەنە كېلىپ ياشىنىپ قالغاچقا، سىياسەتنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتى. جاڭ شىجياڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم سىياسەتلەرنى ئۇنىڭغا دائىم ئالدىرىماي، قايتا- قايتا چۈشەندۈرەتتى.

  − ئۇ دائىم ئېزىپ قالىدۇ، يەنە نېمىنىمۇ ئۆگىنەلەر؟ − دەيتتى خې دېساڭنىڭ خوتۇنى ما شيۇخۇا بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  − تىرىشىپ ئۆگىنىدىغانلا بولساق، ئۆگىنەلمەيدىغان ئىش يوق، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا جانىجان مەنپەئىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سىياسەت بار. مەسىلەن: ئىككىنچى قېتىملىق يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش توغرىسىدىكى سىياسەت بىز دېھقانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنى ياخشى چۈشىنىش كېرەك، − دەپ جاۋاب بېرەتتى جاڭ شىجياڭ سەۋرچانلىق بىلەن.

  دېھقانلار جاڭ شىجياڭنى «ئاق چاچ لاۋجاڭ» دەپ چاقىراتتى. بۇنىڭ سەۋەبى ئەمدىلا 49 ياشقا كىرگەن جاڭ شىجياڭنىڭ ئىككى چېكىسىگە ئاق كىرگەنىدى. ئۇ دائىم: بىز پۇقرالارنىڭ مۇلازىمەتچىسى، ياخشى مۇلازىمەتچى بولۇش ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىش كېرەك، دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى.

  كەنتكە يېڭى كەلگەندە دېھقانلار ئېتىزلارنى سۇغىرىشنىڭ تەسلىكىنى ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلغانتى. جاڭ شىجياڭ بۇ كەنت ئورنىنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى، چېكىننۇر يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە سۇ ئىشلىتىش رايونى تورىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمىغا جايلاشقانلىقىنى، ئېرىقلار كونىراپ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغاچقا، سۇغىرىش رايونىدىكى ئېرىق- ئۆستەڭلەرنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، دەرھال ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتى كۆپ قېتىم مەخسۇس مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 2 مىليون 517 مىڭ يۈەن مەركەز مالىيەسىنىڭ كىچىك تىپتىكى ئېتىز- ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنى بۇ كەنتكە ئەمەلىيلەشتۈردى ھەمدە ئىسمېنا قوشۇپ قۇرۇلۇش قىلىپ، 4549 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنى پۈتكۈزدى.

  جاڭ شىجياڭ ئۇزاققىچە ئارام ئالماي، ئىشلەپ يۈرگەچكە، قان بېسىمى ئۆرلەپ دورا يەيتتى. كەنت ئاھالىسى جاڭ شۈي تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «لاۋجاڭ» يىگىتلەردەك ئىشلىدى، سۇغىرىش ئىشلىرىمىزغا باش قاتۇرۇپ، چوڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت.

  موغات كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فۇ گوچى مۇنداق دېدى: بۇ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى 3271 مو يەرنىڭ سۇغىرىش شارائىتىنى ياخشىلىيالايدۇ، تۆۋەن ئېقىندىكى دېھقانلارنىڭ ئېتىزلىرىنى سۇغىرىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

  − ئۆي چېقىلسا ئۆيدىكى نەرسىلەرنى نەگە قويىمەن، نەدە ياتىمىز؟

  لى جاۋيى كەنتتىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، ئۆي چېقىش مەسىلىسىدە جاڭ شىجياڭ بىلەن تاكاللىشىپ قالغانىدى. جاڭ شىجياڭ ئۇدا يېرىم ئاي ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا: سىزگە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىپ بېرىمىز، 38 مىڭ 500 يۈەن تولۇقلىما ئاز پۇل ئەمەس، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆي سالسىڭىز ئازادە ئولتۇرالايسىز، كۆڭلىڭىزمۇ خاتىرجەم بولىدۇ، دېدى. جاڭ شىجياڭ ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئىككى ئېغىز ئۆينى قالدۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا ماقۇل كەلتۈردى.

  − كەچۈرۈڭ، ئىلگىرى پوزىتسىيەمىز ياخشى بولماپتۇ، سىزنى خاتا چۈشىنىپ قاپتۇق، − دېدى لى جاۋيى ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن جاڭ شىجياڭنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا.

  − سىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ چىقساڭلار شۇنىڭدىن خۇش بولىمەن.

  كەنت ئاھالىسى دۇ شيۇيىڭنىڭ ئېرى بالدۇر ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ يالغۇز قىزىمۇ سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەچكە، موماي دائىم ئۆيىدە يالغۇز قالاتتى. جاڭ شىجياڭ موماينى تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، موماي بىلەن دائىم سىردىشىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ، مومايغا يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمىدى. موماي بەزىدە ياۋا كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ كېلىپ جاڭ شىجياڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان گۆش كۇمىلىچى ۋە راكلارنى پىشۇرۇپ، خىزمەت ئەترىتىگە ئاپىرىپ بېرەتتى. موماي جاڭ شىجياڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ مۇنداق دەيتتى: سىز مېنىڭ بالام، دائىم مېنى يوقلاپ تۇرىسىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرىمەن.
  (ئادىل روزىمەمەت تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر