ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تۇخۇم شاكىلىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى

2017.12.27 16:30 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تۇخۇم شاكىلى چىدامسىز بولۇپ قالسا نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان بولىدۇ. شۇڭا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، تۇخۇم شاكىلىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  1. كالتسىي تولۇقلاش كېرەك. تۇخۇم تۇغۇۋاتقان مېكيانلارنىڭ ئوزۇقىدا كالتسىي مىقدارى %3.2- %3.5 بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. تېمپېراتۇرا يۇقىرى ياكى كۆپلەپ تۇخۇم تۇغۇۋاتقان مەزگىللەردە يېمەكلىكتىكى كالتسىي مىقدارى %3.6- %3.8 بولسىمۇ بولىدۇ. تۇخۇم شاكىلىنىڭ چىڭ ياكى بوشلۇقى مېكيانلارنىڭ يېشى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق نىسبەتتىكى كالتسىي مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  2. ۋىتامىن D تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ۋىتامىن D كالتسىي ۋە فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ تۇخۇم شاكىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە شاكالنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا پايدىلىق، ۋىتامىن D (بولۇپمۇ ۋىتامىن D3) يېتىشمىسە كالتسىينىڭ بەدەندىكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، مېكيانلار نېپىز شاكاللىق تۇخۇم تۇغىدۇ.

  3. مانگانغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش كېرەك. مانگان تۇخۇم شاكىلىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مانگان كەمچىل بولسا تۇخۇم شاكىلى نېپىزلەپ، ئوڭاي چېقىلىپ كېتىدۇ ھەم مېكيانلارنىڭ تۇغۇش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. نورمال ئەھۋالدا ھەر كىلوگىرام يەم- خەشەك تەركىبىدە 55 گىرام مانگان بولسا مېكيانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

  4. ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىتىئونىنى (蛋氨酸) قان زەردابى تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شۇنداقلا تۇخۇم ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ، تۇخۇم شاكىلىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايدىكەن.

  5. ناترىي ھىدرو كاربونات قوشۇپ بېرىش كېرەك. ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قان تەركىبىدىكى كاربونات مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان كالتسىي كاربونات مىقدارى ئازىيىپ، تۇخۇم شاكىلىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ، ئوڭاي چېقىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا مېكيانلارنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقىغا %0.5 ناترىي ھىدرو كاربونات قوشۇپ بېرىش كېرەك.

  6. يەم- خەشەكنى ۋاقتىدا بېرىش كېرەك. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، نورمال يەم بېرىش ۋاقتىنى تۆت سائەت كېچىكتۈرگەندە شۇ كۈندىكى تۇخۇم شاكىلىنىڭ چىدامچانلىقى ئاجىز بولغان. بولۇپمۇ يەم بېرىش ۋاقتىنى 24 سائەت كېچىكتۈرگەندە ئۈچ كۈنگىچە تۇغقان تۇخۇمنىڭ شاكىلى چىدامسىز بولغان.

  7. تۇخۇمنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىش كېرەك. تۇخۇمنى بىر سائەتتە بىر قېتىم يىغقاندا چېقىلىش نىسبىتى: %0.2- %0.3، ئىككى سائەتتە بىر قېتىم يىغقاندا %1- %1.5، تۆت سائەتتە بىر قېتىم يىغقاندا %2- %3 بولغان. شۇڭا تۇخۇمنى ۋاقتىدا يىغىۋېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
  «يېزا پەن- تېخنىكىسى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر