ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يېسسىۋېلەكنىڭ يىلتىز تومپىيىش كېسىلىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

2017.10.13 16:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1. يېزا ئىگىلىكىدە ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش: كەم دېگەندە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، كېسەللىك ئېغىر بولىدىغان جايلاردا بەش- ئالتە يىل نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش؛ ئويمان، سۇ يىغىلىپ قالىدىغان جايلار ۋە سۇنى راۋان چىقىرىۋەتكىلى بولمايدىغان جايلاردا يېسسىۋېلەكنى ئىمكانقەدەر تېرىماسلىق كېرەك. مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈلىدىغان يېسسىۋېلەك تۈرىدىكى كۆكتاتلارغا كېسەلسىز تۇپراقتا مايسا يېتىشتۈرۈش ياكى تۇپراقنى دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك. پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، ئېتىزدا يىغىلىپ قالغان سۇنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىش، كېسەل تۈپلەرنى ئىلغاپ ئېلىۋېتىش ھەم ئېتىز سىرتىدا كۆيدۈرۈۋېتىش، كېسەل تۈپلەرنىڭ ئەتراپىغا ھاك چېچىپ، كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھوسۇلنى يىغىۋالغاندىن كېيىن كۆكتات يىلتىزلىرىنى تولۇق يوقىتىش، ئېتىز سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.

  2. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش: ئۇرۇق سېلىشتىن بۇرۇن ھەر مو يەرگە ئىككى- ئۈچ كىلوگىرام %70 لىك پېنتاخىلورونىتروبېنزېن نەملىنىشچان پاراشوك دورىسىنى 40- 50 كىلوگىرام يۇمشاق توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ، چۆنەك تارتىپ تۈپنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن تىكىلگەن ياكى ئۇرۇق سېلىپ ئۆستۈرۈلگەن يېسسىۋېلەك تۈرىدىكى كۆكتاتلارغا چېچىش كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئىشەنچلىك دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

  (شۈ جىنتاۋ)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر