ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كالىلاردىكى قاناش خاراكتېرلىك قان چىرىش كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى

2017.09.23 17:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  1. قاناش خاراكتېرلىك قان چىرىش كېسىلىگە قارشى تۇرغۇچى قان زەردابى چوڭ كالىلارغا 60 - 100 مىللىلىتىرغىچە، موزايلارغا 20- 40 مىللىلىتىرغىچە تېرە ئاستىغا ياكى ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلىدۇ. ئوكۇل سېلىپ 12- 24 سائەت ئىچىدە كېسەلدە ياخشىلىنىش بولمىسا، قايتۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئوكۇل سېلىنىدۇ.

  2. (1) پېنىتسېللىندىن ئىككى- ئۈچ مىليونلۇق IU كۈنىگە تۆت قېتىمدىن مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلىدۇ؛ (2) سۇلفات كىسلاتالىق سترېپتومېتسىندىن ئىككى مىليونلۇق IU كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلىدۇ، بۇنى تاكى تەن ھارارىتى تۆۋەنلەپ، بەدىنىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىغانغا قەدەر داۋاملىق تۈردە كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۇرۇش كېرەك.

  3. 10% لىك سۇفادىئازىن (ياكى سۇلفاتىئازول) ناترىي ئوكۇلىدىن 200- 300 مىللىلىتىر تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىمدىن ۋېناغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلىدۇ، بۇنى تاكى تەن ھارارىتى تۆۋەنلەپ، بەدىنىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىغىچە داۋاملىق تۈردە كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۇرۇش كېرەك. موزايلارغا يۇقىرىقىنىڭ يېرىمىنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛ 15 ياشتىن ئاشقان قېرى كالىلارغا دورا مىقدارىنى ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەش كېرەك، 1- لايىھەدىكى دورا بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەك ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  4. بويۇن، ئاستىنقى جاغ، كېكىرتىكىدە ئېغىر دەرىجىدە ئىششىق پەيدا بولغان بولسا، زەرنىختىن ئون گىرام، بورنېئولدىن بەش گىرام، فېللودېندروندىن 100 گىرامنى ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق سوقۇپ، سىركە بىلەن تەڭشەپ تېڭىپ بەرسەك بولىدۇ.

  ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى: يەم- خەشەك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، كالىدا بۇنداق كېسەل كۆپ كۆرۈلىدىغان جايلاردا چوقۇم ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك. كالىلاردا بۇنداق كېسەل پەيدا بولغانلىقى جەزملەشتۈرۈلسە، كەنتتىكى ياكى فېرمىدىكى كالىلارغا دەرھال مۇداپىئە ئوكۇلى ئۇرۇش ئارقىلىق كېسەلنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  (گاۋ شېڭجى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر