ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
باش بەت

ئوغۇل بالىدەك ئوغۇلخان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر

2017.12.30 23:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېچىلغان ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى تەشۋىقات خادىملىرىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان ئوغۇلخان ئەخمەت تەشۋىقاتچىلارنىڭ دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئىلھاملاندى. شۇ كۈنى كەچتىكى مۇزاكىرىدە كۇرسانتلار دوكلاتتىكى ھەربىر تېما ئۈستىدە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. ئوغۇلخان ئەخمەت ئۆزىنى ئەركىن، ئازادە قويۇۋېتىپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى _ يۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ بۇنداق كۇرسقا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقان بولغانلىقى ئۈچۈن بىرئاز قورۇندى. مۇزاكىرە ئاخىرىلىشىپ كۇرسانتلار قايتىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا:
  − كۇرسانتلار، مېنىڭ ئىككى ئېغىز گېپىم بار ئىدى، بىردەم ۋاقتىڭلارنى بەرگەن بولساڭلار، − دەپ ئورنىدىن تۇردى ئوغۇلخان ئەخمەت ھودۇققان ھالدا.
  − ئىسمىم ئوغۇلخان ئەخمەت، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تاشتۆپە يېزىسى يېڭتام كەنتىدىن كەلدىم. دېھقان ئايالمەن. مەن...مەن... ئوغۇلخان ئەخمەتنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى. ئوغۇلخان ئەخمەتنىڭ بىر نەرسە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەن كۇرسانتلار كەينىگە قايتىشىپ ئولتۇرۇشتى.
  − ئائىلەم پارتىيەنىڭ ھىممىتىگە ئېرىشكەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، ئائىلىمىزنىڭ، مېنىڭ ھازىرقىدەك كۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغان بولساممۇ، پارتىيەنىڭ ئىللىق قوينىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پارتىيەنىڭ سىياسىتىدە تۇرمۇشۇم ياخشىلاندى، شۇڭا سىلەرگە ئوخشاش پۇقرا تەشۋىقاتچى بولۇش ئىستىكىدە بۇ كۇرسقا قاتناشتىم ھەم قۇرۇلتاي روھىدىن ئىلھام ئېلىپ، كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم ئاشتى. تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يۇرتۇمغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى، مېھىر- شەپقىتىنى تەشۋىق قىلىمەن، − دېدى ئوغۇلخان ئەخمەت گەپنىڭ ئاخىرىدا كەسكىن قىلىپ.
  ئۇنىڭ گېپى ھەممىنى قىزىقتۇردى.
  ئوغۇلخان ئەخمەتنىڭ- ئائىلىسى ئىلگىرى كەنت بويىچە نامرات ئائىلە ھېسابلىناتتى. ئەخمەت ئاكا ئاغرىقچان بولۇپ بىر تەرەپتىن داۋالانغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشلەيتتى. ئۇ ئوغۇل پەرزەنتىنىڭ بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تۇنجى بالىسى قىز بولۇپ تۇغۇلدى، ئاتا- ئانىسى قىزىغا چىدام، غەيرەتلىك بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ، «ئوغۇلخان» دەپ ئىسىم قويدى. كېيىنكى ئۈچ پەرزەنتىمۇ قىز بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئىشلىرى كىچىك تۇرۇپلا ئوغۇلخاننىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. ئوغۇلخان دادىسىغا ئەگىشىپ ئېتىزدا ئىشلەيتتى، تامچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سىڭىللىرىنى باقاتتى، ئانىسىغا قارىشىپ تاماق ئېتەتتى. كىچىكىدىن باشلاپلا غەيرەت، جاسارەتنى يېتىلدۈرگەن ئوغۇلخان چوڭ بولۇپ، ئۆي- ئوچاقلىق بولدى. ئائىلىسىنىڭ بەش مو تېرىلغۇ يېرىدىن باشقا كىرىمى يوق ئوغۇلخان ئەخمەت كۈنلىرىنىڭ بۇنداق نامراتلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمايتتى، شۇڭا ئۇ ئانىسىدىن ئۆگەنگەن كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، قوشنا- قولۇملىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ، قولى ئاز- تولا پۇل كۆردى. كېيىن قوشنا يېزا، ناھىيە بازىرى، غۇلجا شەھىرىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەشتىلىرىگە خېرىدار تاپتى. ئەتراپتىكى كەشتىچىلىك ھۈنىرى بار ئون ئايال بىلەن زاكاز ماللىرىنى ۋاقتىدا پۈتكۈزۈپ، تاپشۇردى. ئوغۇلخان ئەخمەت بازاردىكى چۆپقەتلىرى بۇيرۇتقان مال زاكازلىرىنى كەنتتىكى تىككۈچىلىك، كەشتىچىلىكنى بىلىدىغانلارغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن ئورتاق بېيىش يولىغا مېڭىپ، قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا كەنتتىكى ئاياللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى جانلاندۇردى. بۇلتۇر ئۇ كەنتتە «چېۋەر قول كەشتىلىرى» دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى كۆرگەن توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، تەمىنات- سودا كوپىراتىپىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە تاشتۆپە يېزىسىنىڭ يېڭتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كەنت «ئىككى كومىتېت» رەھبەرلىك كوللېكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەنتتە خەلق تۇرمۇشى كارخانىسى قۇردى ھەم 100دىن ئارتۇق ئايالنى كەسپىي ماھارەت يېتىلدۈرۈش بويىچە تەربىيەلەپ، ئاياللارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى ياراتتى. ئوغۇلخان ئەخمەت پارتىيەنىڭ يۆلەش، نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدى.
  ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ كەنتنىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا يۆتكەپ كىرىمىنى كۆپەيتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋاسىتىچى بولدى. كەنتتىكى 50 كە يېقىن ئايالنى تەشكىللەپ، ئەتراپتىكى يېزا، مەيدانلاردىن ئىش تېپىپ، ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ياز كۈنلىرى ئۆي ئىچىنى زىننەتلەش ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ، كەنتتىكى ئاياللارنى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. ئوغۇلخان ئەخمەتنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى كۆرگەن ئېرى ئالاۋۇدۇن باۋۇدۇن غەيرەتكە كېلىپ، ئىلگىرى تاشلىۋەتكەن تامچىلىق ھۈنىرىنى قايتىدىن قىلىشقا باشلىدى. ھازىر بۇ ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
  يىل بېشىدا بۇ كەنتتە قانات يايدۇرۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نيۇ شيۇخۇا ئوغۇلخان ئەخمەت بىلەن «ئاچا- سىڭىل» بولدى. ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلىدىغان نيۇ شيۇخۇا ئوغۇلخان ئەخمەتكە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگەتتى ھەم ئۇنى ياراملىق بىر تەشۋىقاتچى بولۇشقا يېتەكلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى چارىلەرنى كۆرسەتتى. بۇ ياردەملەرنىڭ تۈرتكىسىدە ئوغۇلخان ئەخمەتنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى.
  ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا يېڭتام كەنتىنىڭ مەھەللە ۋە ئېتىز يوللىرى ئاسفالتلىشىپ، ئىلگىرىكى توپىلىق يوللارغا خاتىمە بېرىلدى. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش يولغا قويۇلۇپ، ئوغۇلخان ئەخمەتنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇ سىياسەتلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. دادىسىنىڭ كېسىلىمۇ ئىلگىرىكىدىن ياخشىلاندى، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئوغۇلخان ئەخمەت كەنتتىكى بۇ ئۆزگىرىش، يېڭىلىقلار، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولغان دەپ قارايتتى، شۇڭا ئۇنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىقى كۈچلۈك ئىدى. بۇلتۇر ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ، ئىرادىسىنى بىلدۈردى. بۇ يىل ئۇ كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولدى. ئۇ ئىپتىخارلىق بىلەن يىل بېشىدىن باشلاپ كۈندە كەچلىك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىككى مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، 70 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى كەشتىنى دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا كەنتكە سوۋغا قىلدى ھەم دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئەتراپتىكى ئۆزگىرىش، تەرەققىياتلاردىن، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقان دەۋرنى، پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى، سىياسەتلىرىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر نەچچە قېتىم كەنتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، پۇقرا تەشۋىقاتچىغا ئايلاندى. كەنتتە ئېچىلغان دېھقان- چارۋىچىلار مەكتىپىدە دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىپ، ماتېرىيال كۆرۈپ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ئۇ يەنە كەنتتىكى بەش ئايالنى تەشكىللەپ، مېھرىبان ئانىلار «خەير- ساخاۋەت» ئەترىتى قۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز
مۇھىم خەۋەرلەر تېخىمۇ كۆپ
باش خەۋەر تېخىمۇ كۆپ