ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئەتلەس چىپاۋلار كۆزلەرنى قاماشتۇردى

2017.12.22 15:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ چىپاۋ(يېنى ئوچۇق ئۇزۇن كۆڭلەك) مەدەنىيەت سارىيى ئۇيۇشتۇرغان «گۈزەل چىپاۋ، گۈللەنگەن جۇڭگو ئارزۇسى» باش تېمىسىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چىپاۋ مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش پائالىيىتى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مودېللار چىرايلىق چىپاۋلارنى كىيىپ، تاماشىبىنلارغا ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلدى، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەتلەس چىپاۋلار كۆزلەرنى قاماشتۇردى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى يېتەكچى، جۇڭگو ئارزۇسى باش تېما، «چىپاۋغا مۇھەببەت» ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان چىپاۋنىڭ گۈزەللىكى نامايان قىلىندى، شىنجاڭنىڭ چىپاۋ مەدەنىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كۆرەك قىلىندى. ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇلغان سەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن كېيىن، ئەتلەستىن تىكىلگەن ھەر خىل پاسوندىكى چىپاۋلارنى كىيگەن مودېللار T شەكىللىك سۇپىدا يەلپۈگۈچ تۇتۇپ نازۇك قەدەملەر بىلەن مېڭىپ، جۇڭخۇا كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچى، ئەتلەسنىڭ جۇڭخۇا كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىدىكى جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ چىپاۋ مەدەنىيەت سارىيى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، تەرەققىي قىلىپ، چوڭ تىپتىكى چىپاۋ كۆرگەزمىلىرىنى، مودېل پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكىلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان ئەتلەسمۇ چىپاۋ لايىھەسىگە كىرگۈزلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتى چىپاۋلاردا نامايان قىلىنىپ، دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىغا تونۇتۇلدى.

  شىنجاڭ ئوبزورچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى مەخمۇتجان سىدىق مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چىپاۋ مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۈگۈن بۇ سەھنىدە ئەتلەستىن تىكىلگەن ھەر خىل پاسوندىكى چىپاۋلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتى ئاساس قىلىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتى ئەپچىللىك بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل، جەزبدار كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتى يارقىن نامايان قىلىندى. چىپاۋ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلغانلىق، قوغدىغانلىق، تەرەققىي قىلدۇرغانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت مۇقەررەر ھالدا مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل