ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاممىنى خۇشال قىلدى

2017.12.22 15:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابدۇغېنى ھاجىيۇپ خەۋەر قىلىدۇ: ئارشاڭ ناھىيەسى بۇ يىل ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  كۆلدەنەڭ چارۋىچىلىق مەيدانى دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر- سېسترالار مەيدان دوختۇرخانىسىدا ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى مەركەزلىك تەكشۈردى ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ كىشىنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ زالىمتى يېزىسى ئاچ ئەترىتىدىكى چارۋىچى باتۇ بۇ يىل ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە جىگەر كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىدىن تولىمۇ جىددىيلەشتى، دەل مۇشۇ چاغدا يېزىلىق شىپاخانىدىكى دوختۇر- سېسترالار ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 800 يۈەن داۋالىنىش تولۇقلىمىسى ھەل قىلىپ بەردى. بۇ يىل 7- ئايدا سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن باتۇ زالىمتى يېزىلىق دوختۇرخانىغا بېرىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۇقۇشۇمچە، ناھىيەدىكى سەككىز يېزا- بازار، مەيدان، توققۇز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئورنىدىكى داۋالاش خادىملىرى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، يېزا- بازار، مەيدان، سەييارە مۇلازىمەت ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، چەت- يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، چارۋىچىلار، ياشانغانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يىراق ئائىلىگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. ھازىرغىچە، ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى توققۇز تەكشۈرۈش ئورنى 40 مىڭ 703 كىشىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى %101.96 كە يەتكۈزگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل