ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كۇچا ناھىيەسىدە 10 مىڭ 800 دىن ئارتۇق ئائىلە «نامراتلىق قالپىقى»نى
چۆرۈپ تاشلىدى

2017.12.20 16:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، نامرات كەنت، نامرات ئائىلىلەرگە ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلغانلىقتىن، بۇ يىل بۇ ناھىيەدىكى 10 مىڭ 817 ئائىلە «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى.
  «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىغان خانىقاتام يېزىسىنىڭ ئۆگەن كەنتى 1- گۇرۇپپىسىدىكى روزى زايىت مۇنداق دېدى: ئۆيىمىزدە ئۈچ جان بولۇپ، تېرىلغۇ يېرىمىز ئاز، ئائىلىمىز نامرات ئىدى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزىمنىڭ ئوقۇش راسخوتى، تۇرمۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ھېسابلىناتتى. بۇلتۇر ھۆكۈمەت بىزگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردى، 15 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى بەردى. بىز يېڭى ئۆيىمىزدە بۇ مەبلەغ بىلەن باقمىچىلىق قىلىپ، سۈت سېتىپ ئايدا 1200 يۈەن كىرىم قىلىۋاتىمىز، تۇرمۇشىمىزمۇ ياخشىلاندى، قىزىمىزنىمۇ ئوقۇتالايدىغان بولدۇق.
  ئىگىلىشىمچە، بۇ ناھىيەدە روزى زايىتقا ئوخشاش نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، باقمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىغان ئائىلىلەردىكى ئومۇمىي ئاھالە 35 مىڭ 990 غا يەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل