ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى»گە ئېرىشكەن دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قىزغىنلىقى ئاشتى

2017.12.18 16:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرى كونا ئۆستەڭ كەنتى ۋە يوپۇغا يېزىسى يۇقىرى تىگىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش داۋامىدا بۇ ئىككى كەنتتىكى 113 ئائىلىلىك نامرات دېھقانغا قىممىتى 1 مىليون 130 مىڭ يۈەنلىك 113 تۇياق «نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى» ياردەم قىلدى. «نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى»گە ئېرىشكەن دېھقانلار 11- ئاينىڭ 30- كۈنى ۋە 12- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىككى تۈركۈمدە ناھىيەلىك چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى «شىنجاڭ يوپۇغا ئېشىكى»نى بېقىش، كۆپەيتىش بازىسىدىن ئۆزلىرى تاللىغان ئېشەكلەرنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەتتى.

  تېرىم بازىرىنىڭ كونا ئۆستەڭ كەنتىدىكى دېھقان ئېزىز ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئائىت كۆپلىگەن ياخشى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلىپ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ غەمخورلۇقىدا 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بىر تۇياق «نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى»گە ئېرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. ئېشەك باقمىچىلىقىغا تايىنىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا تىرىشىمەن.

  يوپۇغا ناھىيەسى نەسىللىك «شىنجاڭ يوپۇغا ئېشىكى» باقمىچىلىقىنى پائال يۈكسەلدۈرۈپ، 2011- يىلى «جۇڭگو ئېشەك ماكانى» نامىغا ئېرىشكەندىن بۇيان، بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار يوپۇغا ئېشىكى بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ تېرىم بازىرى كونا ئۆستەڭ كەنتى ۋە يوپۇغا يېزىسى يۇقىرى تىگىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار «شىنجاڭ يوپۇغا ئېشىكى» باقمىچىلىقىنى نامراتلارنىڭ قوتىنىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئارخىپ، كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەر ئىچىدىن كۆك نامرات ئائىلىلەرنى قايتا- قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئاممىغا ئاشكارىلىدى. بېكىتىلگەن ئائىلىلەرنىڭ ئېغىل- قوتان شارائىتى، يەم- خەشەك زاپىسى، بېقىش، كۆپەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئاساسەن، تېرىم بازىرىنىڭ كونا ئۆستەڭ كەنتىدىكى 70 ئائىلىلىك نامرات دېھقانغا، يوپۇغا يېزىسىنىڭ يۇقىرى تىگىن كەنتىدىكى 43 ئائىلىگە بىر تۇياقتىن «نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى» ياردەم قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر