ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

سايرام بازىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر

مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت

2017.12.08 11:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدىكى دېھقانلار بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، خۇشال- خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش گو ليەنشەن بىلەن مەھكىمە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش تەپتىش نىشان ئىبراھىم پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە تەپتىش كادىرلىرىدىن 123 نى باشلاپ، سايرام بازىرىدىكى ئالتە كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئائىلە زىيارىتى قىلىش، تۇغقانلىشىش، يار- يۆلەك بولۇش، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇلار كەنت ئاھالىلىرى، تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر بىلەن دۆلەت بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەم «تۆت پېشقەدەم»لەر، نامرات ئائىلىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى يوقلاپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 68 يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  ئەمەلىي ياردەمدىن دىللار سۆيۈندى
  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە سايرام بازىرىنىڭ ئالتە كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرلار خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى پولات ئابلىزنىڭ باشچىلىقىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا يېتەكلىدى. مەدەنىيەت بازىسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى مۇھىم بايرام، خاتىرە كۈنلىرى، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرى، قانۇن- نىزاملارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى. دېھقانلارنى پەن- تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارغا دۆلەت تىلى ئۆگىتىپ، دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە مىننەتدارلىقىغا سازاۋەر بولدى. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ۋەزىپە، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى، چاقىرىق كۈچىنى كۈچەيتتى. ئۇلار ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ تەلەپلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نامرات، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرگە خىمىيەۋى ئوغۇت ئېلىپ بەردى، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ تارقىتىپ بەردى، جەمئىيەتتىكى ساخاۋەتچى كارخانىچىلارنى تەشكىللەپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرگە 50 توڭلاتقۇ ۋە كىرئالغۇ تارقىتىپ بەردى. قىشتا كۆمۈر سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئائىلىلەرنى تىزىملاپ، ئۇلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلىدى.

  كەنت ئاھالىلىرى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سايرام بازىرى توق مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئەلرايىنى بىلىشكە دائىر «سەككىزنى چوقۇم سوراش، سەككىزنى چوقۇم سۆزلەش»نى چۆرىدەپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يىراق ھەربىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.

  توق مەھەللە كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىغا شۇ كەنتتىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ قىزىل قەغەزگە يازغان يۈرەك سۆزلىرى ئېسىلغانىدى. بۇلاردا كەنتتىكىلەرنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىگە بولغان كۈچلۈك غەزەپ- نەپرىتى ئىپادىلەنگەنىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن كەنتتىكى ھەر بىر ئائىلە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى قىزىل قەغەزگە پۈكۈپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىغا چاپلىدى. ئۇلار 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىلدا ئەتراپىدا يۈز بەرگەن غايەت زور تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقى، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشى ۋە خۇشال- خۇرام كۈنلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق كىشىنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  كەچلىك كۇرس ياشلارنىڭ دۆلەت تىلى ئۆگىنىش ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى
  سايرام بازىرى توق مەھەللە كەنتىدىكى ياشلار دۈشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت تىلى ئۆگىنىش كەچلىك كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئالدىرايدىغان بولدى. كەنتتىكى نۇرغۇن ياش تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچىلا ئوقۇغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ دۆلەت تىلى ئاساسى بەكلا ئاجىز ئىدى، ئۇلار ناھىيە بازىرىغا بارغاندا ياكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا كېسەل كۆرسەتكەندە قىينىلاتتى. خىزمەت ئەترىتىدىكى ئۆمەر ئوسمان بىلەن پەرىدە ئوسمان ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن ئايرىم دەرسلىك تۈزۈپ، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ پىنيىن ساۋاتىنى چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۇرمۇشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى ئۆگىتىپ، تېلېۋىزوردا خەنزۇتىلىدىكى فىلىملەرنى كۆپرەك كۆرۈش، خەنزۇچە رادىيو ئاڭلاش، كۆپرەك مەشىق قىلىشنى تاپىلىدى. بۇ كۇرسقا 120 نەچچە كۇرسانت قاتناشتى، ئۇلار تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خېلى كۆپ سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋالدى ھەم ئادەتتىكى تىل ئىشلىتىش ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان بولدى.

  32 ياشلىق دېھقان روشەنگۈل سىدىق بۇ يىل شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىردى، ئۇ بۇ كۇرستىن ئەمەلىي نەپ ئالغانلارنىڭ بىرى. ئۇ دۆلەت تىلىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەچكە، توق مەھەللە كەنتى 3- ئاھالە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: مەكتەپتە دۆلەت تىلىنى تازا ياخشى ئۆگەنمەپتىكەنمەن. ھازىر توي قىلىپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولغاندا، بىرەر يەرگە بېرىپ ئۆگىنىشكە ئىمكانىيىتىم يوق «پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي» تۇرغىنىمدا، خىزمەت ئەترىتى ئىشىك ئالدىمىزدىلا ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. مەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمەن، بىلمىگەنلىرىمنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىرىپ سورايمەن، ھازىر بازارلاردا خەنزۇ تىجارەتچىلەردىن بىمالال نەرسە- كېرەك سېتىۋالالىغۇدەك، بالىلىرىم خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى سورىسا، ئاز- تولا جاۋاب بېرەلىگۈدەك سەۋىيەگە يەتتىم. جۇڭگو پۇقراسى بولغان ئىكەنمىز، چوقۇم دۆلەت تىلىنى بىلىشىمىز كېرەك. دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگەنسەك، ھەممە جايدا ئۆز رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدىكەنمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت ئەترىتى سايرام بازىرىنىڭ شور مەھەللە كەنتى، لاپا كەنتى، توق مەھەللە كەنتى، توقاچ كەنتى، بوغان كەنتى، يېڭىمەھەللە كەنتى قاتارلىق ئالتە كەنتىگە كەلگەندىن بۇيان، بۇ كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە، دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىدى. خۇشال ئىشلار كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ، خەلقنىڭ چېھرىدە مەمنۇنىيەت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل