ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

توك بىلەن ئىسسىتىش بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

2017.11.02 12:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يۈسۈپجان سىدىق خەۋەر قىلىدۇ: ئوبلاستلىق ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستىدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە توك بىلەن ئىسسىتىش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئوبلاستنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

  2015- يىلىدىن باشلاپ، بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرىدىكى «لۈجيا» مېۋە- چېۋە، كۆكتاتچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 106 ئۈزۈم پارنىكىدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك بىلەن ئىسسىتىشنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن پارنىكنىڭ مۇھىتى ياخشىلىنىپلا قالماي يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  بورتالا شەھىرىدە پارنىك تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق يول بولۇپ، 2011- يىلىدىن باشلاپ بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرىدىكى 40 ئائىلىلىك دېھقان بىرلىشىپ مېۋە- چېۋە، كۆكتات پارنىكى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، 376 چوڭ پارنىك ياساپ بۆلجۈرگەن، كۆكمۇچ، پىدىگەن، شوخلا، ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ، ئوبلاست بويىچە ئەڭ چوڭ مېۋە- چېۋە، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالدى.

  2015- يىلى كوپىراتىپ ئەزالىرى پارنىكنى توك بىلەن ئىسسىتىشقا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئوبلاستلىق ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئىشخانىسى بىلەن يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىغا ئۈزۈم پارنىكىنى توك بىلەن ئىسسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئوبلاستلىق ئېلېكتىرلەشتۈرۈش ئىشخانىسىدىكىلەر شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ تېخنىكلىرى بىلەن ھەر بىر ئۈزۈم پارنىكىغا ئون نەچچە توك بىلەن ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشنى دېھقانلارغا ئۆگىتىپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن ئۈزۈم تېلى كۆچەتلىرى كۆمۈر ئىسى ياكى كۈل بىلەن بۇلغانمايدىغان، پارنىك ئىچى پاكىز تۇرىدىغان بولدى.

  توك بىلەن ئىسسىتىش يولغا قويۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، تېرىقچىلىق ئائىلىسى يۈ لياڭجېن بۇ تېخنىكنىڭ پايدىسىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر توك بىلەن ئىسسىتىش پارنىكىنىڭ قۇرۇلۇش تەننەرخى ئۈچۈن 5000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ، ھەر ئايلىق توك ھەققى 2800 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، گەرچە كۆمۈر قالىغاندىن نەچچە يۈز يۈەن قىممەت بولسىمۇ، لېكىن ئادەم كۈچى زور دەرىجىدە تېجەپ قېلىنىدىكەن، پارنىكنىڭ مۇھىتى بۇلغانمايدىغان بولغاچقا ئۈزۈمنىڭ سۈپىتى ياخشى، پاكىز بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، باھاسىمۇ يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر