ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

سالام جاپپارنىڭ ۋەتەن مۇھەببىتى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پەتتارجان مەمەت، مەمەت ياقۇپ

2017.10.10 17:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  10- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ تاغتۈۋى كەنتىدىكى سالام جاپپار تاڭ سەھەردىلا بالىلىرىنى ئويغىتىپ ھويلىسىغا رەتلىك تىزىلدۇردى، قېيىنئاتىسى ئاۋاز ياڭراتقۇنى تەڭشەپ دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسىنى تەييارلىدى، خوتۇنى ئايشەمگۈل ئابلىمىت بالىلىرى بىلەن بىر سەپكە كىرىپ ئېرىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشىنى كۈتۈپ تۇردى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسى قويۇلۇشى بىلەن، سالام جاپپار ئۆزى ئەپچىللىك بىلەن ياسىۋالغان بايراق خادىسىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا باشلىدى. بالىلار پىيونېرلار سالىمى بېرىپ، بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. سالام جاپپارنىڭ ئائىلىسىدە ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ كېلىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغانىدى.

  1976- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇغۇلغان سالام جاپپار بالىلىق چاغلىرىدا كۈندۈزى مەكتەپتە ئوقۇسا، كەچلىرى ئانىسى مايىمخان سېتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى يۇغۇرۇلغان چۆچەكلىرىنى ئاڭلايتتى.

  − سەن ئارمىيە بايرىمى كۈنى تۇغۇلغان بالام، چوڭ بولغاندا ھەربىي بولساڭ، ئارمىيەنىڭ ھەقىقىي بالىسى بولىسەن، ئارمىيە بايرىمى كۈنى پۈتۈن سەپداشلىرىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلەيدۇ.

  − چوڭ بولغاندا ھەربىي بولىمەن، دۈشمەنلەرنى يوقىتىپ، ۋەتەننى قوغدايمەن.

  يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەسكەر بولۇش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. 1993- يىلى 12- ئايدا ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىپ، شەرەپ بىلەن ھەربىي سەپكە قاتناشتى. ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن تۆت يىل جەريانىدا، ئۇ خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، شىبە مىللەتلىرىدىن بولغان سەپداشلىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتتى، ئۆزئارا تىل ئۆگەندى. قىسىمدىكى سەپداشلىرىنىڭ غەمخورلۇقى، رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

  سالام جاپپار تىرىشىپ ئۆگىنىش، جاپالىق مەشىق قىلىش، ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان سەپداشلىرى بىلەن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ سەپداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ھەمدە قىسىم تەرىپىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى»، «ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى.

  سالام جاپپار قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن، 1999- يىلىدىن باشلاپ كەنت كومىتېتىدا ياشلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئايشەمگۈل ئابلىمىت بىلەن تونۇشۇپ تۇرمۇشلۇق بولدى. بىر يىلدىن كېيىن ئامانلىق قوغدىغۇچى، كەنت ئىشخانا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىدى. 2005- يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىردى. ئۇ ھەر قېتىم پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلىگىنىدە قەلبى ھاياجانغا تولاتتى.

  − بەزىلەرنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كۆرۈپ باققۇسى، يەنە بەزىلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ساياھەت قىلغۇسى كېلىدۇ، لېكىن مېنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ تيەنئەنمېندىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا نەق مەيداندا قاتنىشىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، − دېدى سالام جاپپار ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ. خوتۇنى ئايشەمگۈل ئېرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئوتتەك مۇھەببىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى قوللىدى. 2008- يىلى 8- ئايدا ئۇ مەخسۇس دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا باردى.

  − تيەنئەنمېن مەيدانى ئالدىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان شۇ كۈنلەرنى ئەسلىسەم ھازىرمۇ ھاياجانلىنىمەن، − دېدى سالام جاپپار. ھەر كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ئادەم قاتنىشىدىغان، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان بۇ مۇراسىمدا، سالام جاپپارنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تۆكۈلۈپ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، مۇقەددەس دۆلەت بايرىقىغا بولغان تەلپۈنۈشى تېخىمۇ ئۇلغايدى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە يۇرتىدا بولغان زور ئۆزگىرىشلەر كۆز ئالدىدىن بىر- بىرلەپ ئۆتتى. ئۇ ئېسىنى بىلگەن چاغدا ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ ياشلىرىنى سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىدىكى بۇ ھېسسىياتنىڭ ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ۋە ياكى بىردەملىك ھاياجانلىنىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. شۇ قېتىمدا ئۇ پايتەختتە ئۇدا تۆت كۈن بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سالام جاپپارنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئوتتەك مۇھەببىتى، دۆلەت بايرىقىغا بولغان تەلپۈنۈشى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ھويلىسىدا بايراق چىقىرىش ئويى پەيدا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2013- يىلى بايراق، خادا، ياڭراتقۇلارنى تەييارلاپ، ھويلامدا تۇنجى قېتىم دۆلەت بايرىقى چىقاردۇق، ھازىرغىچە تۆت يىل بولدى، ھەر دۈشەنبە كۈنى ئىزچىل دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ كېلىۋاتىمىز. بالىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى.

  2012- يىلى سالام جاپپار خىزمەت ئالماشتۇرۇپ تۇرپان «شۈندا» كىرا ئاپتوموبىل شىركىتىدە ئىشلىدى. بۇ جەرياندا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىشتەك ئالىيجاناب روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتداشلىرىنىڭ، ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2012- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە كىرا ئاپتوموبىلى ھەيدەش جەريانىدا شەخسىي مەنپەئىتىنى قايرىپ قويۇپ باشقىلارغا ئىزچىل ياردەم بېرىپ كەلدى. قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان يارىدارلارنى دوختۇرخانىغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن سودىسىدىن ۋاز كەچكەن ۋاقىتلىرىدا قىلچىمۇ ئۆكۈنمىدى، قولى ئۈزۈلۈپ كېتىپ جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىش زۆرۈر بولغان بىر ئاغرىقنى ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىۋاسىتە ئاڭلىتىۋاتقان قاتناش قىزىق لىنىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قول ئۇلاش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ۋاقتىدا ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.

  سالام جاپپار مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى، شەھەر- يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ۋە ھېس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئىلگىرى دېھقانلار كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتى، توپىلىق يوللاردا ماڭاتتى. ھازىر ھەممەيلەن كەڭرى، ئازادە ۋە يورۇق ئۆيلەردە ئولتۇرىمىز، تۈپتۈز ئاسفالت يوللار ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى. 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق تولۇقلىما پۇلى، تۆۋەن كاپالەت پۇلى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى دېھقانلارنى غەم- ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولغانلىقىمىزدىن، مۇشۇنداق بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولغىنىمىزدىن باش شۇجى شى جىنپىڭغا، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىمىزدىن تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالمايمىز. كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمىغان بولاتتى، يېڭى جۇڭگو بولمىسا، ھازىرقىدەك بەختلىك تۇرمۇشىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى. مەن جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ۋەتەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكىنىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. ئۇيغۇرلاردا «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما»، «ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس» دېگەندەك ياخشىلىق، ۋەتەننى سۆيۈش توغرىسىدىكى ماقال- تەمسىللەر بار. «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزدىن قورقىدۇ، شۇڭا ھەر مىللەت خەلق جەزمەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ، ھاياتىدەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر