ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

پىچاندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار خاتىرجەم ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى

2017.10.10 17:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ ناھىيە بۇ يىل دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ناھىيە يەنە جەمئىيەتتىكىلەر ئىئانە قىلغان مەبلەغدىن تولۇق پايدىلىنىپ مائارىپ تەرەققىياتىنى قوللىغاندىن سىرت، ئالاقىدار ئاپپاراتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەم شەخسلەرنى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە بۇ ئارقىلىق ياردەمنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن قېلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەر بۇ يىل 1- ئايدىن ھازىرغىچە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن 1 مىليون يۈەنگە يېقىن ياردەم مەبلىغى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق 1000غا يېقىن ئوقۇغۇچى، ئون ئوقۇتقۇچى بەھرىمەن بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر