ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاۋات ناھىيەسى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئاتىدارچىلىق قىلدى

2017.10.10 17:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاۋات ناھىيەسى ناھىيەلىك پەن- تېخنىكا مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئالدىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىپ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 81 ئوقۇغۇچىغا «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلى»، «ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى»، «بىر يۈەن ئارقىلىق ئىللىق يەتكۈزۈش ئوقۇش ياردەم پۇلى»دىن 426 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنى ئالىي مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، پۇرسەتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەريانىدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشى لازىم.

  ئاۋات ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، 450 نومۇر بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ئاينەزەر ئەمەر مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن خۇشال بولغانىدى. لېكىن، ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش مۇقىم كىرىمى يوق، دادىسى مېيىپ، ئاپىسىنىڭ ئازغىنا كىرىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە نىسبەتەن قىيىن بىر ئىش ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ، 6000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بىلەن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ چوقۇم بىر ياخشى دوختۇر بولۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  ئاينەزەرنىڭ دادىسى ئەمەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى خوتۇنۇمنىڭ ئازغىنا كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. قىزىمنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكى بىزنى خۇشال قىلغان بولسىمۇ، ئوقۇش پۇلىنى قانداق غەملەش جەھەتتە بېشىمىز قاتقانىدى. قىزىمنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەنلىكى بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلدى. پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر