ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

پەيشەنبە بازار يېزىسى «مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي ئەھۋالىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ سىستېمىغا كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى

2017.10.10 17:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلاجان راھمان، خەيرىنىسا ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: توقسۇ ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ «مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي ئەھۋالىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ سىستېمىغا كىرگۈزۈش» تەلىپىگە ئاساسەن، پەيشەنبە بازار يېزىسى بۇ يىل 7- ئاينىڭ 15- كۈنى «مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ سىستېمىغا كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى باشلىغانىدى، يېقىندا بۇ خىزمەت ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

  ئۇقۇشىمىزچە، بۇ ناھىيەنىڭ پەيشەنبە بازار يېزىسى بۇ خىزمەتكە ئەستايىدىل قاراپ، ناھىيەنىڭ بىرمۇ مېيىپ كىشىنى ۋە مېيىپلەر بار ئائىلىلەرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، خىزمەتتە بىخۇدلۇق قىلماسلىق تەلىپى بويىچە، يېزا بويىچە 474 مېيىپ كىشىنىڭ تېگى- تەكتىنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، مېيىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىنچىلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، «مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي ئەھۋالىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ سىستېمىغا كىرگۈزۈش» خىزمىتىنى يېقىندا ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر