ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

غۇلجا ناھىيەسى پەن- تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى

2017.09.23 17:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رەخمەتجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: غۇلجا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى كەڭ، شۇڭا مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان بۇ ناھىيە پەن- تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدا كەسىپلەشكەن يېزا ئىگىلىكىدىكى پەن- تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىلىرىنى قۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى. بۇ خىل ئۇسۇل دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى تېرىلغۇ يەرلەرنى ھەقلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنت، ئائىلىدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىدىكى پەن- تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، نەتىجىدە ھازىرغىچە ناھىيە دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن تۆتنى، يېزا دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 20نى، كەنت دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 100نى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىدىن 800نى بەرپا قىلدى. بۇ پەن- تېخنىكىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىدا پۈتۈنلەي يېڭى تېخنىكا بىلەن يېڭى سورتلار يېتىلدۈرۈلۈپ، باشقۇرۇشتا يېڭىچە ئەندىزە قوللىنىلىپ، پەن- تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى يېتەكلەشتىكى رولى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى. مەسىلەن: غۇلجا ناھىيەسىنىڭ سادىقيۈزى يېزىسىدا قۇرۇلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ ھازىرقى ئىگىلىگەن كۆلىمى 8000 مو بولۇپ، 13 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى، ھازىر بۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باغچىسىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىق، ئالاھىدە ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قۇياش نۇرىدا مايسا يېتىشتۈرۈش، پەن- تېخنىكىدا تەربىيەلەش قاتارلىق ئالتە چوڭ ئىقتىدارلىق رايون بەرپا قىلدى.

  غۇلجا ناھىيەسى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق رايون ئىچى، سىرتىدىكى 17 تەتقىقات ئورنى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ، پەن- تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى، بۇ يىل 23 تۈردە تەجرىبە تەتقىقاتى ئېلىپ باردى، ھازىر ناھىيە بويىچە يېزا ئىگىلىكىدىكى پەن- تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى سىستېمىسىغا كىرگەن ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 50 مىڭ مودىن ئاشتى، مۇشۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى ئارقىلىق يېڭى تېخنىكىنىڭ قوللىنىش كۆلىمى ناھىيە بويىچە 900 مىڭ موغا يەتتى. ھازىر بۇ ناھىيەدە يەنە ئۈزۈم كارىدورى، ئۆسۈملۈك باغچىسى، ئورگانىك كۆكتاتچىلىق باغچىسى قاتارلىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان 14 تۈر بويىچە يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن پەن- تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر