ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى

2017.09.23 17:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئەنۋەرجان مەتنىياز خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر ۋىلايىتى يالتىراق يېپىپ تېرىلغان بۇغدايلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، تۇپراقنى ئىلمىي تەكشۈرۈپ، رېتسېپ بويىچە ئوغۇتلاش تېخنىكا تۈرلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  بۇ ۋىلايەت يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، يالتىراق يېپىپ تېرىلغان بۇغداي ھوسۇلىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى چىقىش قىلىپ، بىر قىسىم ناھىيەلەردە يالتىراق يېپىپ تېرىلغان بۇغدايلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، «نۇقتا بېكىتىش، مەخسۇس ئادەم قويۇپ، مەخسۇس مەسئۇل بولۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىدىغان رايونلاردىكى كۈزلۈك بۇغدايلارنىڭ پۈتۈن مەۋسۇملۇق ئۆسۈش جەريانىنى كۆزىتىش، خاتىرىلەشنى دائىملاشتۇردى. ئۆلچەم بويىچە يەر ھەيدەش، يالتىراق يېپىش، ئۇرۇق سېلىش قاتارلىقلارنى ئوخشىمىغان ۋاقىتلار بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ، بۇ خىل تېخنىكا تەرتىپىنى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا تۇرغۇزۇپ چىقتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش، ئوغۇتلاش، كونترول قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار ھەققىدە 20 تېما تۇرغۇزدى. يېڭى سورتتىن 65نى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، سىناق قىلىپ بېكىتكەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېخنىكا تۈرىنى 20گە يەتكۈزدى. 300 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئارتۇق دېھقانچىلىق تېخنىكلىرى ۋە دېھقاننى بۇ ھەقتە ئەتراپلىق تەربىيەلەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇپراق تەركىبىنى ئىلمىي تەكشۈرۈپ، نىسبەت بويىچە ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ئانالىز قىلىپ، ئوغۇتلاشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ماتېرىيالىنى توپلىدى ۋە شۇ بويىچە يولغا قويدى ھەم بۇ خىل ئۇسۇلدا ئوغۇتلىنىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىنى 100دىن ئاشۇردى. ئاشلىق، پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى ھەر قايسى ناھىيەلەردە كەڭ يولغا قويۇپ، بۇ خىلدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش يېرىنى 2 مىليون مودىن ئاشۇردى. يۇقىرىقىدەك بىر قاتار خىزمەتلەر ئەتراپلىق ئىشلەنگەنلىكتىن، بۇ ۋىلايەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى مۇقىم راۋاجلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر