ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

مېھىر بىلەن يورۇدى ئالەم

مۇخبىرىمىز ئاينۇر ئابلىمىت

2017.09.08 13:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    رەھىمسىز تەقدىر

  ئىيۇننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، شىلدىرلاپ سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق بويىدىن يۇمران يالپۇزنىڭ پۇرىقى كېلەتتى، ئەمما نە ئانا، نە بالىنىڭ بۇلاردىن ھۇزۇرلىنىشقا رايى يوق ئىدى، ئۇلار توپا ئۆرلەپ تۇرغان يېزا يولىدا مۆدۈرۈلۈپ، ناھىيە بازىرىغا قاراپ ماڭدى.

  − كۆزۈڭ ئاجىزلىشىپ قالغىلى قانچىلىك بولدى؟

  − يېرىم يىلچە بولدى.

  − بالا قىزىغانمۇ؟.

  ئانا ئويلىنىپ قالدى. ھېلىقى كېچە يادىغا يەتكىنىدە، بالا تىترەپ سۆزلەشكە باشلىدى:

  − شۇنداق، شۇنداق، بىر يىل ئىلگىرى قاتتىق قىزىپ كەتكەنىدىم.

  2016- يىلى ئىيۇن ئېيىنىڭ بىر كۈنى كېرىيە ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 2- يىللىقىدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان ھەسەنجان مەتسالى كەچلىك مۇزاكىرىدە تۇيۇقسىز ئوت كاۋاپ بولۇپ قىزىپ كەتتى، ئۇ ماغدۇرسىز قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ياتاققا بىر كىرىپ كەتكىنىچە، ئۇدا بىر ھەپتە قىزىتمىسى يانماي يېتىپ قالدى. ئۇ دورىخانىدىن قىزىتما ياندۇرىدىغان دورا ئېلىپ ئىچىپلا، بۇ ئىشقا ئانچە كۆڭۈلشىپ كەتمىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ سول كۆزى ھەمىشە قىزىرىپ قالىدىغان بولۇۋالدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ كۆز ياللۇغى ئېغىرلىشىپ، سول كۆزى بارا- بارا غۇۋالىشىشقا باشلىدى. ئەمما ئۆزىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى تىرىكچىلىك غېمىدە ئېتىزدىن كىرمەي جاپالىق ئىشلەپ ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئاتىسىغا، ئۈچ بالىسىنى تېجەپ- تۆشەپ يۈرۈپ ئاران قاتارغا قوشۇۋاتقان جاپاكەش ئانىسىغا ئېيتىپ، ئائىلىنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋېتىشنى خالىماي، ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆمۈر يولىغا چىراغ ياقىدىغان ئارزۇسى ئۈچۈن، سىنىپنى ماكان قىلىپ كېچە- كۈندۈز باش كۆتۈرمەي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدى.

  ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىۋالغاندىن كېيىن، ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە يېرىم يىلدىن بۇيان ۋۇجۇدىغا «چۆكمە» بولغان ئەندىشىسىنى ئانىسىغا ئېيتىپ، ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بارغانىدى.

  − بالىنىڭ كۆز پەردىسى ئېغىر ياللۇغلىنىپتۇ، داۋالاشقا قۇربىمىز يەتمىگۈدەك، چوڭراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بېقىڭلار، ئەمما خىراجەت كۆپ كېتىشى مۇمكىن، − دېدى دوختۇر ئۇلارغا ئۈمىدسىز بېقىپ.

  ئانىنىڭ ئەنسىزلىكتىن قىزارغان كۆزلىرى چوڭ- چوڭ ئېچىلدى، شۇ تاپتا ئۇ نېمە دېيىشىنى، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن ھەسەنجان تېرەكلىك كوچىدا تام ياقىلاپ مەقسەتسىز ماڭىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ يۈرىكى تۈگمەن تېشىدا بېسىلغاندەك ئېغىر تىناتتى، چۈنكى ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا خېلى يۇقىرى نومۇر ئالغانىدى، ھەر قېتىم ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاشقا ئازلا قالغانلىقىنى ئويلىغىنىدا جىسمى شادلىقتىن مەست بولاتتى. ئەمما ئۇ دوختۇرخانىدا بولۇنغان گەپلەرنى زادى ئۇنتۇيالمىدى، دوختۇرنىڭ ئۈمىدسىز باش سىلكىشى كۆز ئالدىغا كەلسىلا، تۇيۇقسىز قارا قۇيۇن كېلىپ يەر- جاھاننى يالماپ كەتكەندەك، ئۇنىڭ شېرىن خىياللىرىنى بەربات قېلىۋىتەتتى، كۆزۈمچۇ، ئوقۇش پۇلىچۇ؟...

    خەيرىلىك ئىشلار

  ئوتتۇرا بوي، ئاق يۈزلۈك، قويۇق بۈدرە چاچ، قوڭۇر كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان ھەسەنجان مەتسالىنىڭ يۈرىكى زىددىيەتلىك خىياللارغا بەرداشلىق بېرەلمىدى، ئۇ غېرىبانە ھويلىدىكى دوڭغاق جىگدىگە يۆلەنگىنىچە ھۆڭرەپ يىغلىدى، شۇنچە كەڭ ھويلا ئۇنىڭ ھەسرىتىگە تار كەلگەنىدى...

  − نېمە بولدۇڭ؟ ئاتا- ئاناڭ قېنى؟ نېمىگە شۇنچە قايغۇرىسەن بالام، − دېدى شۇ ئەسنادا ھويلىغا كىرىپ كەلگەن كېرىيە ناھىيەسى شىۋول يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى مەمەتتۇرسۇن ئابدۇراخمان بىلەن ھاۋانىساخان ھەسەن تەئەججۈپلەنگەن ھالدا. ھەسەنجان ئەندىشىسىنى، ئارزۇسىنى ئۇلارغا بىراقلا تۆكۈۋەتتى، شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ كادىرلارنىڭ يۈرىكىنى قوقاستا پۇچىلانغاندەك ئېچىشتۇرغانلىقىنى بىلمەيتتى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ھەسەنجاننىڭ كۆزىگە داۋا ئىزدەش ئۈچۈن ئۇنى خوتەن «ھەدىيە» كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسىغا ئاپاردى. دوختۇرنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ئېچىنىش، خاتىرجەمسىزلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى، دوختۇر كېسەلنىڭ پىلدىرلاپ تۇرغان نۇرسىز كۆزىگە قاراپ ئىچى سېيرىلدى.

  − دوختۇر، بالىنىڭ كۆزى ساقىيىدىغاندۇ- ھە؟ − دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ھاۋانىساخان ھەسەن دوختۇرنىڭ ئىپادىسىدىن جىددىيلىشىپ.

  دوختۇر ئۇلارغا بالىنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى، كۆز مۈڭگۈز پەردىسى ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  − دوختۇر بالامنىڭ كۆزىنى دورا- ئوكۇل بىلەن داۋالىغىلى بولماسمۇ؟

  − پايدىسى يوق، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئالماشتۇرۇشتىن باشقا چارە يوق، ئەمما بۇمۇ بەك تەس...

  بۇ ئىش راستىنلا تەس ئىدى، قېنى شۇ پۇل، قېنى شۇ ئالماشتۇرىدىغان مۈڭگۈز پەردە.؟!...

  ئۇلار دوختۇرنىڭ تەخمىنىي ھېسابلىغان بىر مۇنچە داۋالىنىش چىقىمىنى ئاڭلاپ، بىرى بېشىغا سوغۇق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتى. ھەسەنجاننىڭ چاپىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان ئاتا- ئانىسىنىڭمۇ دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى. ئۇلار باشلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە روھى چىقىپ كەتكەندەك بىر خىل تۇيغۇدا دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتى.

  دوختۇرنىڭ «ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلمىسا، يەنە بىر كۆزىمۇ ئاستا- ئاستا كۆرۈش سېزىمىنى يوقىتىپ، ئەما بولۇپ قالىدۇ» دېگەن سۆزى ھاۋانىساخاننىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى. «ئەگەر شۇنداق بولسا، ھەسەنجان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن پۈتمەس- تۈگىمەس ئازاب ئەمەسمۇ؟! بۇ ئائىلىدە بىردىنبىر ئوقۇغىنىمۇ، ئائىلىسىنىڭ ئۈمىدىمۇ شۇ ئەمەسمىدى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالماي قالسا...» دەپ پىچىرلايتتى ئۇ ئۆز- ئۆزىگە.

  شۇ كۈنى كەچتە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئىشخانىسىنىڭ چىرىغى خېلى كەچكىچە ئۆچمىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان سۆھبىتى ئاخىرلىشىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، كادىرلارنىڭ تەرەپ- تەرەپكە قاترىشى بىلەن 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ھەل بولدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەسەنجان ۋە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىغا 50 مىڭ يۈەننى تۇتقۇزۇپ، 1000 يۈەن يوللۇق تۇتۇپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچى «ئەيئېر- ھەدىيە» كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسىغا يولغا سالدى.

    يورۇقلۇق ئەلچىلىرى

  − ئانا، بۇ ئىشلار چۈشۈم ئەمەستۇ- ھە، بىز يا ئالاھىدە ئادەم بولمىساق، شۇنچە كۆپ كىشى غېمىمنى يەپ، بىزگە ياردەم قولىنى سۇندى دېسە، − دېدى ھەسەنجان مەتسالى تەئەججۈپلەنگەن ھالدا.

  − بەخت- تەلەيلىك بالام، بىز كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يەيدىغانلار كۆپ ئىكەن، بېشىڭغا كەلگەن كۈلپەتكىمۇ، ساڭا قول سۇنغان مېھىرلىك قوللارغىمۇ ئىشەنگىن بالام، − دېدى ئانا ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاراپ ماڭغان پويىزدا قۇچىقىغا بېشىنى قويۇپ ياتقان بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.

  شۇ تاپتا مەرەمنىساخان مەتتۇرسۇن بالىسىنىڭ قايتا يورۇقلۇققا ئېرىشكەن كۆزلىرىگە تويماي قارايتتى، ئانىنىڭ چوڭقۇر قورۇقلار ئىچىگە چۆككەن كۆزلىرىدىن ئاققان مېھىر- مۇھەببەت ھەسەنجاننىڭ ۋۇجۇدىنى ئېرىتىۋەتتى، ھەسەنجان پۈتۈن بەدىنىگە ئولىشىۋالغان يىغىنى بېسىش ئۈچۈن پويىز دېرىزىسىدىن كەڭ كەتكەن سايلىققا باققىنىچە خىيالغا پاتتى...

  كۈمۈش رەڭ چېچى ئاپئاق يۈزىگە تولىمۇ ياراشقان، پاكىز ھەم سالاپەتلىك كۆرۈنىدىغان ھەدىيە خانىم تالغان كۆزىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن يۆتكەپ، ھەسەنجاننىڭ ئەينى چاغدا تەلتۆكۈس داۋالانمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋىرۇس خاراكتېرلىك مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەچكە، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىدىكى يارا قايتا- قايتا قوزغىلىپ، كۆز پەردىسىنى كاردىن چىقارغانلىقى، دەرھال داۋالىمىسا، يارىنىڭ يەنە بىر كۆزىگىمۇ يامراپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى چۈشەندۈردى.

  ئاتا- ئانىسىنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ كۈن ئېلىۋاتقان دېھقان ئىكەنلىكى، چېچەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدىغان ھەسەنجاننىڭ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا خالىس ياردەم قىلىش خىيالىغا كەلگەن ھەدىيە خانىم دەرھال جۇڭگو خۇنەن «كۆز سۆيەر» فوندى، «ئەيئېر» كۆز كېسەللىرى باش دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىدى.

  «تېپىلدى، تېپىلدى!» دېگەن خۇشاللىق ساداسىغا دېڭىز شاۋقۇنلىرىدەك ئالقىشلار قوشۇلۇپ كەتتى. «ئەيئېر- ھەدىيە» كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسىدىكىلەر تەرەپ- تەرەپتىن ئۇقۇشۇپ يۈرۈپ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلغۇچىنى ئاخىر تاپقانىدى.

  شۇنداق قىلىپ 7- ئاينىڭ 27- كۈنى مەملىكەت بويىچە داڭلىق كۆز كېسەللىرى دوختۇرى، دوكتور، بېيجىڭ «ئەيئېر» كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى لى شاۋۋېي «ئەيئېر- ھەدىيە» كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھەسەنجاننىڭ كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدى.

  − ئوپېراتسىيەدىن قورقتۇڭمۇ؟

  − ياق، ماڭا باشپاناھ بولىدىغان سىلەردەك دوختۇرلار تۇرسا نېمىدىن قورقاتتىم.

  − نېمىنى كۆردۈڭ؟

  − مۇھەببەتنى.

  − مۇھەببەتنى؟!

  مۇھەببەتنى كۆرگىلى بولامدۇ؟ ياق، پەقەت ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما ھەسەنجان مەتسالى يورۇق دۇنيانى قايتىدىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىنىدە، كۆز ئالدىدا بىردىنلا تەڭداشسىز چىن ئىنسانىي مۇھەببەت زاھىر بولغاندەك تۇيغۇغا كەلگەنىدى... راست، ئۇنىڭ مىننەتدارلىققا تولغان قەلبى مۇھەببەتنى كۆرۈۋاتاتتى، «ھەدىيە» كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسى بىلەن «ئەيئېر» گۇرۇھى ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان «ئەيئېر- ھەدىيە» كۆز كېسەللىرى دوختۇرخانىسىدىكى دوختورلار ھەسەنجان مەتسالىنىڭ كۆزىنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇنىڭغا مېھىر- مۇھەببەتنى ھەدىيە قىلغانىدى، چۇڭچىڭلىق پىدائىي ئىئانە قىلغان كۆز مۈڭگۈز پەردىسى شىنجاڭلىق بۇ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كۆزىگە ئوڭۇشلۇق كۆچۈرۈلۈپ، ئۇنى يورۇقلۇققا ئېرىشتۈردى. شۇ كۈنى ھەسەنجانغا دۇنيا بەك گۈزەل، ھايات شۇنچە شېرىن تۇيۇلدى. ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە، ياق! قەلب خاتىرىسىگە مۇنۇ قۇرلارنى يازدى: ئاخىر يورۇق دۇنيانى قايتا كۆردۈم، مەن نېمە دېگەن بەختلىك، پارتىيە، ھۆكۈمەت باشپاناھىم، تۈۋرۈكۈم، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر نېمە دېگەن مېھرىبان! مەن تېخى ياش، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە، مېھرىبان ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى گۈزەل كېلەچەك يارىتىش ئارقىلىق چوقۇم بىلدۈرىمەن ...

  ھەسەنجاننىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال ئىدى، ئۇلار ھەدىيە خانىمغا يېنىش- يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتى، ئەمما ھەدىيە خانىم چېھرىدىن ھەر ۋاقىت كەتمەيدىغان يېقىملىق كۈلكىسى بىلەنلا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇردى، ئاشۇ قايتا نۇرلانغان قاپقارا قوي كۆزلەر كۈلسە، ھەدىيە خانىمنىڭ قەلبىمۇ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز شادلىققا چۆمەتتى. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭدىكى كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا تېخىمۇ ياخشى داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش، تېخىمۇ كۆپ كۆز كېسەللىرى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، مەملىكەت بويىچە كۆز كېسەللىرى ساھەسىدە داڭق چىقارغان «ئەيئېر» گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ تۇنجى نەتىجىسىدىن سۆيۈنگەنىدى، ئېنىقكى، بۇ قېتىمقى خەيرلىك ئىش شۇ قېتىملىق ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر