ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

«خۇاڭخې قىرائەتخانىسى» فۇكاڭغا ماكانلاشتى

2017.08.25 16:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت، پراكتىكانت دىلنۇر ئەخمەتجان خەۋەر قىلىدۇ: سەنشى ئۆلكىلىك خۇاڭخې تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 63- «خۇاڭخې قىرائەتخانىسى» 8- ئاينىڭ 16- كۈنى فۇكاڭ شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپتە قۇرۇلدى، بۇ تۇنجى ئۆلكە ئاتلىغان «خۇاڭخې قىرائەتخانىسى»ھېسابلىنىدۇ.

  «خۇاڭخې قىرائەتخانىسى»خۇاڭخې تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق جامائەت پاراۋانلىق تۈرى، بۇ تۈر سەنشى ئۆلكىسىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئورنى، كارخانا، شەخسلەر بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان. ھازىرغىچە، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ 11 ۋىلايەت، 40 ناھىيەسىدە «خۇاڭخې قىرائەتخانىسى»دىن 62سى قۇرۇلغان.

  ئۇقۇشىمىزچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى فۇكاڭ، ۋۇجياچۈ شەھىرىگە تۈر ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، فۇكاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەتتە يىلدىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىسى فۇكاڭ، ۋۇجياچۈ شەھىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بەش تۈر بويىچە 89 مىليون 700 مىڭ يۈەن ياردەم بېرىپ، بۇ جايلارنىڭ مەكتەپ مۇھىتى، مائارىپ قۇرۇلمىسىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلىنىشى، مائارىپ ئىشلىرىدا ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان.

  خۇاڭخې تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش نازارەتچىسى شۈ لىڭيۈن مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ قۇرغان تۇنجى قىرائەتخانىمىز. بىز بۇ قېتىم مەخسۇس فۇكاڭدىكى بالىلار ئۈچۈن بىر قىسىم كىتاب، ئوقۇش قوراللىرى، تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن فۇكاڭدىكى «خۇاڭخې قىرائەتخانىسى»نىڭ بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنىڭ تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر