ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

شايار ناھىيەسى ئىنقىلابىي كىنولارنى قويۇش ئارقىلىق ھەرمىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان قىزغىن ھېسسىياتىنى كۈچەيتتى

2017.08.22 17:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز پەرھات مىجىت، چىمەنگۈل قاسىم خەۋەر قىلىدۇ: شايار ناھىيەلىك كىنو- فىلىم قويۇش تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى خادىملار ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، يېزا- بازار، (مەيدان) ۋە كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئىنقىلابىي كىنولارنى ئاساسىي قاتلامدا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  ئۇقۇشىمىزچە، بۇ قېتىمقى ئىنقىلابىي كىنولارنى ئاساسىي قاتلامدا قويۇش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ھايات- ماماتلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى مەدھىيەلەپ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شانلىق ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قويۇلغان «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، «قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» ۋە «ئۈرۈمچى ئاسمىنى» قاتارلىق ئىنقىلابىي كىنولار ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  شايار ناھىيەلىك كىنو- فىلىم قويۇش تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى پاتىگۈل مەخمۇت مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا ئىنقىلابىي فىلىملەرنى قويۇپ بېرىپ، ناھىيەمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر