شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى   شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى   شى جىنپىڭ بىلەن ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا Ⅱ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى   ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى   شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى   ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

كادىرلار ئەل غېمىدە...

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غوجىئابدۇللا مەمتىمىن خەۋىرى، فوتوسى

2017.06.08 13:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    سۈرەتتە: يېڭىئاۋات كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى قاسىم تۇرسۇننىڭ كېۋەزلىكىنى ئوتىماقتا.
  قاراقاش ناھىيەسى ئۇرچى يېزىسىنىڭ يېڭىئاۋات كەنتىدىكى تۆت پارتىيە ئەزاسى، 26 ئىتتىپاق ئەزاسىدىن تەشكىللەنگەن «لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئەترىتى»نىڭ ئەزالىرى كەنتتىكى قاسىم تۇرسۇننىڭ ئون مو كېۋەزلىكىنىڭ ئوتىنى ئوتىشىپ بەردى. قاسىم تۇرسۇن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مەن يالغۇز كېۋەزلىكنىڭ ئوتىنى ئوتاشقا يېتىشەلمىگەنىدىم. ئەگەر بۇ ئىشقا ئادەم ياللىسام 2000 يۈەن چىقىم بولاتتى. بۈگۈن كەنتىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى چوڭ غەمدىن خالاس قىلدى.

  يېڭىئاۋات كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى 5- ئايدىن باشلاپ كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ «لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئەترىتى» تەشكىللىدى، ئەترەت ئەزالىرى كەنتتىكى ياشانغان، ئەمگەك كۈچى يوق ئائىلىلەرنىڭ ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، بىرنەچچە كۈندىلا دېھقانلارنىڭ 45 مو بۇغداي ئېتىزلىقىنى سۇغىرىپ، 30 مو يەردىكى زىرائىتىنىڭ ئوتىنى ئوتاپ بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر