ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

قەشقەرنىڭ كەتمەن بازىرىدا ئايلىنىپ كۆرگەنلىرىم

2017.09.26 16:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    سۈرەتتە: كەتمەن بازىرىدىكى «گۈل ئۆيى» ناملىق ئائىلىۋى ساياھەتچىلىك نۇقتىسىنىڭ خىزمەتچىسى ھاجىگۈل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى دەم ئېلىپ ئولتۇرماقتا.
  9-ئايدا قەشقەرنىڭ ھاۋاسى سالقىنلاپ، كۈزنى كۈتۈۋالىدۇ. قەشقەر شەھىرىدىكى كەتمەن بازىرىدا، كەچ كىرىپ كىشىلەر ئالدىراش ئىشلىرىنى توختىتىشى بىلەن ھۇزۇرلۇق ۋە ئاستا رىتىملىق كەچلىك تۇرمۇش باشلىنىدۇ.

  كەتمەن بازىرى قەشقەرنىڭ كونىشەھەر رايونىدا، بۇ كوچىغا كەتمەن دېگەندەك ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياسايدىغان تۆمۈرچىلىك دۇكانلىرى جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «كەتمەن بازىرى» دەپ ئاتالغان. ساياھەتچىلەر كەتمەن بازىرىدا نەچچە يۈز يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە ئۇيغۇر تۆمۈرچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرەلەيدۇ.
      شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى
    سۈرەتتە: كەتمەن بازىرىدىكى بىر تۆمۈرچى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى تاقا سوقماقتا.
    سۈرەتتە: كەتمەن بازىرىدىكى ئىككى مىسكەر 9-ئاينىڭ 25-كۈنى قازان ياسىماقتا.
    سۈرەتتە: كەتمەن بازىرىدىكى بىر چالغۇ دۇكىنىغا ئېسىپ قويۇلغان چالغۇلار (9-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان).
    سۈرەتتە: بىرەيلەن 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەتمەن بازىرىدا تەمبۇر چالماقتا.
    سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەتمەن بازىرىدىكى بىر كىشى تەمبۇر مۇزىكىسى تىڭشىماقتا.
    سۈرەتتە: كەتمەن بازىرىدىكى «گۈل ئۆيى» ناملىق ئائىلىۋى ساياھەتچىلىك نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى سالامەتگۈل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئائىلىۋى ساياھەتچىلىك نۇقتىسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.
    سۈرەتتە: بىر بالا 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەتمەن بازىرىدا كۆزئەينەك تاقاپ ئوينىماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز