ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا مۇسكۇلنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ

2018.06.18 15:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  30 ياشتىن ئاشقاندا بەدىنىمىزدىكى مۇسكۇللار چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئورگانىزمنىڭ قېرىشى ئەڭ بۇرۇن قان تومۇرلار قېتىشتىن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سۆڭەك ماددىسى ئازىيىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچى ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئاجىزلاپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇش ياشانغانلار ئورگانىزمنىڭ «كۈچلۈكتىن ئاجىزلاشقا يۈزلىنىش»ىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇسكۇل يىگىلەش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچ يەنىلا ھەرىكەت، ئۇنىڭدىن قالسا ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشتۇر. يېتەرلىك ئېنېرگىيە، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش ئاساسىدا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىش بەك مۇھىم. ياشانغانلارنىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇپ، ھەر كىلوگىرام بەدەن ئېغىرلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى 1.2 گىرام ئاقسىل قوبۇل قىلسا، بەدەننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  راخمانجان رۇسۇل تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر