ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يېڭىلىق يارىتىشتا ھالقىما تەرەققىي قىلىپ، ئەقلىي ياسىمىچىلىققا تايىنىپ كەلگۈسىنى يارىتايلى

  − دۇنيا ياسىمىچىلىق كۆرگەزمىسىدىن جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىگە نەزەر

2018.06.04 13:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم 2018- يىللىق دۇنيا ياسىمىچىلىق كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە ئەھلىگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  

  ئىلاۋە

  تۇپراق يوق ئەھۋالدا بىرنەچچە سۇ ساندۇقى ۋە بىر بوتۇلكا ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى بىلەنلا «ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى» قۇرغىلى بولىدۇ؛ چوڭلۇقى ئالقانچىلىك كېلىدىغان ماشىنا ئادەممۇ ئاجايىپ چوڭ نەرسىنى كۆتۈرەلەيدۇ؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرجىمە قىلغۇچ 30 نەچچە خىل تىلنى تەرجىمە قىلالايدۇ... ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018- يىللىق دۇنيا ياسىمىچىلىق كۆرگەزمىسىدە، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
  يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقىدا يېڭى تەرەققىيات مەنزىلى تەدرىجىي نامايان بولماقتا. دۇنيا ياسىمىچىلىق كۆرگەزمىسىدىن بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ.


  يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىش كېرەك

  كۆرگەزمىدە «جىڭيۇ» مۇھىت پەن- تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى. بۇ سىستېمىدا سۈرەت پەرقلەندۈرۈش ۋە ئەقلىي سېزىم تارقىتىش قاتارلىق تېخنىكىلار قوللىنىلغان بولۇپ، يان تېلېفوننى چېكىپ قويسىلا ئەخلەتلەرنى تازىلىغىلى، يىغقىلى ۋە توشۇغىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئەخلەت تازىلاش ئاسان ۋە ئۈنۈملۈك بولىدىكەن.

  ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى بىلەن مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتى بىرلىشىپ، شەھەر تازىلىقى ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا يېڭى بازار ياراتتى. بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى چېن يىڭ مۇنداق دېدى: ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەتنى سېتىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2015- يىلىدىكى 100 نەچچە مىليون يۈەندىن ھازىرقى 700 نەچچە مىليون يۈەنگە يەتتى.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋاقىتنى تېجەپ بەردى، ھەمبەھر ئاپتوموبىل يول يۈرۈشنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇردى، مالىيە ماشىنا ئادىمى ئادەمنىڭ 360 مىڭ سائەتلىك خىزمىتىنى نەچچە سېكونتتىلا تاماملايدىغان بولدى... پەن- تېخنىكا بۈگۈنكى دۇنياغا ئىلگىرىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. تېز سۈرئەتتە يېڭىلىق يارىتىش، پايدىلىنىش ۋە مەھسۇلاتنى يېڭىلاش يېڭى بازارلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ياسىمىچىلىقتىكى دۇنياۋى رىقابەتلىشىش ۋەزىيىتىنى قايتا شەكىللەندۈردى.

  سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى مىسالغا ئالساق، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىز تەرجىمە ۋە سۈرەت پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن، 2020- يىلىغىچە جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارىدىن بارلىققا كېلىدىغان مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىڭ گوبىڭ يەرمەنكىدە مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقانلىق پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك. ئالدىنقى قاتاردىكى پەن- تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ۋە نازۇك ئەسۋابلار قاتارلىق ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ياساشتىكى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان نەتىجىلەرنىڭ كەسىپلەردە ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولماقتا.

  ھازىرقى ۋەزىيەتكە نەزەر سالساق، چوڭ سانلىق مەلۇمات خاسلاشقان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى، سانائەتتىكى ئالاقە تورى ئىسكىلات زاپىسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتتى، ھەمبەھر ياسىمىچىلىق تەننەرخنى تۆۋەنلەتتى... ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ بىرلىشىشى ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كېڭەيتتى.

  كەسىپ بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك

  بىر تېخنىكا بىر كەسىپنى جانلاندۇرالايدۇ. يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كەسىپنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتمەكتە. بۇ يەرمەنكىدە تولۇق نامايان بولدى.

  «جىڭدوڭفاڭ» پەن- تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى تېخنىكىلىرى يەرمەنكىدە مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن كۆرگەزمە ئەھلىنى جەلپ قىلدى. بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلاشقان «سەيخۇڭ» ۋە «كاڭمىڭ» قاتارلىق 100 نەچچە كارخانا مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. تېخنىكىنى نامايان قىلىشمۇ شەھەرنىڭ «ئىسىم كارتىسى» بولۇپ قالدى.

  مۇۋاپىق كەلگەن تۇپراقتا يېڭىلىق يارىتىش تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ. بايلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقتىن، ياسىمىچىلىقتا «يېڭى ئېگىزلىك»لەر بارلىققا كەلمەكتە. شىڭ گوبىڭ مۇنداق دېدى: مىنىستىرلىقىمىز ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات پىلانىنى ئايرىم تۈزۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پىلان بويىچە ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە بىيودورىگەرلىك قاتارلىق ساھەلەردە تەسىرگە ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپلەر توپىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

  ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق مەنتىقىسىگە خاتىمە بېرىلگەندىن كېيىن، كەسىپ زەنجىرى ئوتتۇرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشمۇ كۆپ مەنبەلىشىپ، ھەمكارلىق تېخىمۇ زىچ بولغان، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ۋە ھەمبەھرلىنىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسى بارلىققا كەلدى.

  ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىقمۇ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. يەرمەنكە مەزگىلىدە ئەنخۇي «جياڭخۇەي» ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن شاڭخەي «داجۇڭ» ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شېرىكلىشىپ تۇنجى ئاپتوموبىلىنى ياساپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

  «داجۇڭ» ئاپتوموبىل گۇرۇھى(جۇڭگو)نىڭ باش لىدىرى ھېزمان: جۇڭگو بازىرىنىڭ تەدرىجىي ئېچىۋېتىلگەن ياخشى مۇھىتىدىن ناھايىتى ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۇق، دېدى.

  بىر تەرەپتىن چەت ئەل كاپىتالى ۋە ئىختىساسلىقلىرى جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو تېخنىكا ئېكسپورت قىلىپ پۈتۈن دۇنيادىكىلەر بىلەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق رايونلىرىغا سالغان مەبلىغى جەمئىي 30 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن، شۇ جايدىكىلەرنى 258 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.

  توڭجى داشۆسىنىڭ مۇدىرى جۇڭ جىخۇا مۇنداق دېدى: كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشتىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، تېخنىكىدا يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا بەلگىلىمىلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەندە، جۇڭگو ياسىمىچىلىقتا چەت ئەللىك سودىگەرلەرگە تېخىمۇ كۆپ ۋە ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا كەسىپ بويىچە ئىش تەقسىملەش سىستېمىسىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىدۇ.

  تېخنىكا ۋە سۈپەت ئۆتكىلىدىن ھالقىشقا داۋاملىق تىرىشىش كېرەك

  ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقى سانائەت ئاساسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا پەرقلىنىدىغان بولۇپ، سۈپەت قاتارلىق جەھەتلەردە ھېلىھەم خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىگە ئاتلانغاندا، بىرنەچچە ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  1. يېڭىلىق يارىتىش كۈچى. شىڭ گوبىڭ مۇنداق دېدى: ئىلغار ياسىمىچىلىقنى يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى ھېلىھەم ئېغىر، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش، سانائەت ئاساسى، يادرولۇق تېخنىكا ۋە ماتېرىيالدا يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلمىغاندا، ئىلغار ياسىمىچىلىق تەرەققىياتى ئوخشاشلا «تۆۋەن دەرىجىلىك قۇلۇپلاش» خەۋپىگە ئۇچرايدۇ.

  2. سۈپەت ئۆتكىلى. سۈپەت ئىنقىلابىنى ياخشى قىلىپ، قىممەت زەنجىرىنى قايتا شەكىللەندۈرۈش ھەم ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى، ھەم دۇنياۋى رىقابەتنىڭ تەخىرسىزلىكى.

  جۇڭگو پەن- تېخنىكا داشۆسى «شۈنفېي» پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چىڭفېڭ مۇنداق قارىدى: مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىش ۋە سۈپەتنى قوغدىغانلىق. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى قاتلىمىدىكى ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق ياراتقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش، نامۇۋاپىق رىقابەتلەشكەنلەرنى جازالاش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى
  سۈرەتتە: 2018- يىللىق دۇنيا ياسىمىچىلىق يەرمەنكىسىدە، خىزمەتچى خادىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق كابىنكىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل