ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قارا شېكەرنىڭ شىپالىق رولى

2018.06.04 12:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قارا شېكەرنىڭ خام ئەشياسى شېكەر قومۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە %95 ساخاروزا بار. قارا شېكەر ئىنچىكە پىششىقلىنىپ ئىشلەنمىگەچكە ئۇنىڭدا نۇرغۇن ۋىتامىن ۋە مىنېرالنى ماددىلار ساقلىنىپ قالغان.

  قارا شېكەر ياشانغان، تېنى ئاجىزلارغا، ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، تولۇق ساقىيىپ بولالمىغانلارغا، ئاياللاردىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە يېڭى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا باب كېلىدۇ. قارا شېكەرنى قايناقسۇ بىلەن ئېرىتىپ ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى نەرسىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا پايدىسى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

  قارا شېكەر بىلەن چىلان: چىلان بىلەن قارا شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، مىجەزنى ياخشىلاپ قان تولۇقلايدۇ، تالنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى ئاسرايدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، بىر كېچە چىلاپ قويۇپ، ئازراق قارا شېكەر قوشۇپ قايناتقاندىن كېيىن، ئوتنى پەسەيتىپ بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە قاينىتىپ ئالساق بولىدۇ.

  قارا شېكەر بىلەن ئالقات: قارا شېكەر بىلەن ئالقاتنى چاي بىلەن دەملەپ ئىچسە، مىجەزنى ياخشىلاپ قان تولۇقلايدۇ، تالنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بەلغەمنى يۇمشىتىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالقاتنى ئېزىپ قارا شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قايناقسۇ قۇيۇپ دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.

  قارا شېكەر بىلەن سەنزا: سەنزا ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، بەلغەمنى يۇمشىتىدۇ. سەنزادا يەنە ياغ فېرمېنت مول بولۇپ، ماينى سىيرىپ، ئورۇقلاشقا پايدىلىق. تەييارلاش ئۇسۇلى: سەنزانى پاكىز يۇيۇپ، كۆپرەك سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز. قاينىغاندىن كېيىن ئوتتۇراھال ئوت بىلەن داۋاملىق قاينىتىمىز، سەنزا يۇمشىغاندىن كېيىن قارا شېكەرنى تۆكۈپ، قارا شېكەر تولۇق ئېرىگەندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

  قارا شېكەر بىلەن لىمون: لىمون ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ، قارا شېكەر بىلەن لىمون سۈيى ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىراينى پارقىرىتىپ، نۇرلۇق قىلىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: يېرىم تال لىموننى نېپىز توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشقاندىن كېيىن، 70 سېلسىيە گىرادۇس ئىلمان سۇنى قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

  قارا شېكەر بىلەن زەنجىۋىل: زەنجىۋىل تەركىبىدىكى كۇركۇمىن مېتابولىزمنى ياخشىلاپ، ماينىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كۈز، قىش پەسلىدە قارا شېكەر زەنجىۋىل چېيىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە ھەم سوغۇققا تاقابىل تۇرغىلى، ھەم قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلى: زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن نېپىز توغراپ، قارا شېكەر قوشۇپ قايناقسۇ قۇيۇپ دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.

  راخمانجان رۇسۇل تەييارلىغان
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل