ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ

2018.05.28 12:03 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئېچىتىلغان يېمەكلىك دېگىنىمىز − پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملاردىن پايدىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئېچىتىش ئارقىلىق يېمەكلىكلەردە ئەسلىدە بار ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ئۆزگەرتكىلى ھەم ئالاھىدە تەملەرگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەردە ئىسسىقلىق ۋە ياغ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ.

  يېمەكلىكلەر ئېچىغاندا مىكرو ئورگانىزم ئاجرىتىپ چىقارغان ئېنزىملار ھۈجەيرە پوستىنى پارچىلاپ، ئوزۇقلۇقلاردىن پايدىلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ. يېمەكلىك ئېچىش جەريانىدا ئەسلىدە بار بولغان ئاقسىل پارچىلىنىپ ئادەم بەدىنىنىڭ قوبۇل قىلىشى ئاسانلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىكرو ئورگانىزملار يەنە بىر قىسىم B گۇرۇپپا ۋىتامىننى بىرىكتۈرەلەيدۇ.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى دان تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىك، پۇرچاق تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىك ۋە سۈت تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرگە بۆلۈنىدۇ. دان تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر تاتلىق ئۇن بوتقىسى ۋە گۈرۈچ ئاچچىق سۈيىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلاردا تىرېئونىن قاتارلىق تەركىبلەر مول بولۇپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئاچچىق سۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مىنېرال ماددىلار بولۇپ، قان بېسىمى، قان شېكىرى ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ. پۇرچاق تۈرىدىكى ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر پۇرچاقتىن قىلىنغان قىيام، جياڭيۇ، ئېچىتىلغان پۇرچاق بوتقىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئېچىتىلغان دادۇردا قان نوكچىسىغا قارشى تەركىب مول بولۇپ، قان نوكچىسىنى ئېرىتىش، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بولىدۇ. پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ئېچىغاندىن كېيىن ۋىتامىن K نى بىرىكتۈرۈشكە قاتنىشىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە سۆڭەكنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىدۇ. قېتىق ۋە ئېرىمچىكتە سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى مول بولۇپ، ئۈچەي يولىنى چىرىتىش باكتېرىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى ۋە بەدەندىكى خولېستېرىننى بىرىكتۈرگۈچى ئوكسىدسىزلىغۇچى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقىنى چەكلەيدۇ، ئورگانىزملارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، راكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ.

  ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل