ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر

2018.05.28 12:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ياز پەسلى زىيادە سەزگۈرلۈك كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل بولۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈكتىن كېلىپ چىقىدىغان تېرە قىچىشىش، تېرە چۈشۈش ئالامەتلىرى كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  دېڭىز بېلىقى قاتارلىق تەركىبىدە ئومېگا- 3 ياغ كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەر. ھەپتىدە ئىككى قېتىم تەركىبىدە ئومېگا- 3 مول بولغان تۇنا بېلىقى، ساردىن بېلىقى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋە تەركىبىدىمۇ ئومېگا- 3 مول بولۇپ كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.

  چېچەكسەي قاتارلىق تەركىبىدە مېلېتىن ماددىسى مول بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلار. كۆكتات تەركىبىدىكى مېلېتىن زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گىستامىننى كونترول قىلىپ، كۆزىدىن ياش ئېقىش، بۇرنى ئېقىش، بەدەن ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئازايتىدۇ. چېچەكسەي، بۆلجۈرگەن، ئالما قاتارلىق مېۋە تەركىبىدە مېلېتىن ماددىسى ئىنتايىن مول؛ پىياز مېلېتىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مايمۇن شاپتۇل قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋىلەر. مايمۇن شاپتۇل بىلەن ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋىلەر تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ، بەدەندىكى گىستامىننىڭ تۆۋەنلىشىدە بەلگىلىك رول ئويناپ، زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ.

  زەنجىۋىل. زەنجىۋىل كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم تەڭشىگۈچ، ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغنى قايتۇرۇش رولى بولۇپ، بەدەندە گىستامىننىڭ چىقىرىلىشىنى چەكلەپ، ياللۇغ پەيدا قىلىدىغان ئاقسىلنى توسۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئازايتىدۇ.

  سامساق. سامساقنى خام يېگەندە تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ. شۇڭا زىيادە سەزگۈرلۈك پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن سامساقنى خام ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك، لېكىن كۈندە ئۈچ تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  تۇخۇم. تۇخۇم سېرىقى تەركىبىدە ۋىتامىن D نىڭ مىقدارى مول بولۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈكتىن كېلىپ چىققان نەپىسى راۋان بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  قېتىق. قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «جەڭچى» بولۇپ، زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بارلار ئادەتتە قېتىقنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.

  بولو. بولو ئاقسىل ئېنزىمى زىققا قاتارلىق سەزگۈرلۈك كېسەللىكلىرىدىن پەيدا بولغان ياللۇغنى پەسەيتىدۇ.

  ئىسسىق زەنجىۋىل چېيى، كۆك چاي. ئىسسىق زەنجىۋىل چېيى گۈل چېڭى قاتارلىق مۇھىت تەسىرىدىن بولىدىغان نەپەس يولى سەزگۈرلۈكىنى پەسەيتىدۇ، كۆك چاي زىيادە سەزگۈرلۈكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى»دىن ئېلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل