ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش ۋە ۋىتامىن تولۇقلاش

2018.05.28 11:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېمەكلىك تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار، بولۇپمۇ سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار تاماق ئېتىش داۋامىدا كۆپلەپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. قورۇما تەييارلىغاندا يېمەكلىك ماسلاشتۇرۇپ قورۇلسا، ۋىتامىنغا تېخىمۇ ئاسان ئېرىشكىلى، ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ئۆزئارا تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  1. لازا بىلەن شوخلا بىللە قورۇلسا، كاروتىن ۋە ۋىتامىن C غا تېخىمۇ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  2. بەسەينى قورۇغاندا ئازراق ئاچچىق سۇ قۇيۇۋەتسە، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنى ۋە ۋىتامىن E، ۋىتامىن D قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

  3. پالەك كالا گۆشى بىلەن بىللە قورۇلسا، كاروتىن، نىكوتىن كىسلاتاسى، ۋىتامىنK قاتارلىقلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  4. كۈدە ھايۋانلارنىڭ جىگىرى بىلەن بىللە قورۇلسا، ۋىتامىن A، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىنC، ۋىتامىن E، ۋىتامىن D قاتارلىقلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  5. شوخلا تۇخۇم بىلەن بىللە قورۇلسا، ۋىتامىن Cنى ساقلاپ قالغىلى، ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى قوبۇل قىلىشى ۋە پايدىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  6. كالا گۆشى ياڭيۇ بىلەن بىللە قورۇلسا، كالا گۆشى تەركىبىدىكى ۋىتامىن ئاسان زىيانغا ئۇچرىمايدۇ.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، گۆشسىز تاماق ئەتكەندە قورۇمىنى ئۆسۈملۈك يېغى بىلەن قورۇش لازىم. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، كۆكتات تەركىبىدە ۋىتامىن خېلىلا مول، قورۇما قورۇلغاندا ھايۋانات يېغى ئىشلىتىلسە، كۆكتات تەركىبىدىكى ۋىتامىن ئوكسىدلىنىپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۆسۈملۈك يېغى ئىشلىتىلسە تەركىبىدە ۋىتامىن A ۋە كاروتىن قاتارلىق سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن مول بولغان كۆكتاتلاردىكى ۋىتامىننىڭ زىيانغا ئۇچرىشى نىسپىي ئاز بولىدۇ.

  ماتېرىيالدىن
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل