ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قۇرۇق ئۈزۈم كەم قانلىق كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ

2018.05.23 16:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قۇرۇق ئۈزۈم كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان قۇرۇتۇلغان مېۋە. قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ھۆل ئۈزۈمنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، كۈندە بىر سىقىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قان ئازلىققا شىپا قىلىدۇ.

  بىرىنچى، قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى مول. ئاياللاردا دائىم چىرايى سارغىيىش، قول- پۇتى مۇزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ، يېنىك دەرىجىدىكى قان ئازلىقنىڭ ئالامىتى بولۇپ، كۈندە بىر سىقىم قۇرۇق ئۈزۈم يەپ بەرسە، بۇ ئەھۋالنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى ھۆل ئۈزۈمنىڭكىدىن 15 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدە يەنە نۇرغۇن مىنېرال ماددا، ۋىتامىن ۋە ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، بەدىنى ئاجىز، قېنى ئازلارغا پايدا قىلىدىكەن.

  ئىككىنچىدىن، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولىمۇ بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. قۇرۇق ئۈزۈم تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تالالىرى يەنە ئۈچەي دىۋارىدىكى توكسىننى سۈمۈرۈپ، زەھەر تازىلاشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  قۇرۇق ئۈزۈم يەنە يۈرەك قان تومۇرىنى قوغداشقا پايدىلىق. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قۇرۇم ئۈزۈم خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىپ، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ھەم يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇنىڭدا يەنە فىلاۋىنغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەركىبلەر بولۇپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، قېرىشقا تاقابىل تۇرىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپ، ئاق لويلا ئىسپېرتى ھۈجەيرىلەردىكى راك ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىكەن ھەم يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىنىڭ چوڭىيىشىنى تىزگىنلەيدىكەن.

  قۇرۇق ئۈزۈمنى كۈندە 30- 40 گىرامدىن ئۇدا 15 كۈن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق، قان ئازلىققا بەلگىلىك مەنپەئەت قىلىدىكەن ھەم ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىكەن. ئەمما قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرىراق بولغاچقا، دىيابېت كېسىلى بارلار كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.

  ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر